ھامىلدارلىقتىكى كىچىك تەرەت كۆپ كىلىشكە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 59403:قېتىم كورۇلدى
    كۆپ قىسىم ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كىچىك تەرىتى كۆپ كىلىشنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرايدىغان بولۇپ، بەزىدە ھەتتا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، كىچىك تەرەت قېتىم سانى نىمە ئۈچۈن كۆپىيىپ قالىدۇ؟ بۇنى قانداق قىلىپ ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟
ھامىلدار بولغاندىن كىيىن كىچىك تەرەت نىمە ئۈچۈن كۆپىيىپ كىتىدۇ؟
   پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كىتىدىغان ئەھۋال، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى ۋە ئاخىرىقى مەزگىلىدە كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى مەزگىلدە كىچىك تەرەتنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىدىكى سەۋەپلەر ئۆز-ئارا ئوخشىمايدۇ.
ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە كىچىك تەرەتنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى
    ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇنلاردا ئۆزگىرىش كۆرىلىدىغان بولۇپ، داس بوشلۇقىغا قان تولۇپ، دوۋساقنى غىدىقلايدۇ، بۇ سەۋەپلىك كىچىك تەرەت كۆپلەپ قالىدۇ. بۇندىن باشقا، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، بالىياتقۇ تېخىچە داس بوشلۇقىدا بولغاچقا، ھامىيلىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە يىتىلىشىگە ئەگىشىپ، تەدرىجى ھالدا يوغىناپ بارغان بالىياتقۇ دوۋساقنى بېسىپ، دوۋساقنىڭ سۈيدۈك ساقلاش مىقدارىنىڭ ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ھامىلدار ئايالنىڭ ھاجەتكە چىقىش قېتىم سانى تەبىئىيلا كۆپىيىپ كىتىدۇ. ئادەتتە، ھامىلدارلىق تۆتىنچى ئېيىدىن باشلاپ، بالىياتقۇ داس بوشلۇقىدىن ئۈستى تەرەپكە قاراپ يۆتكىلىپ قوساق بوشلۇقىغا ئۇرۇنلىشىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا دوۋساققا چۈشكەن بېسىم ئازىيىپ، سۈيدۈك كۆپ كىلىش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ.
ھامىلدارلىق ئاخىرىقى مەزگىلىدە كىچىك تەرەتنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى
   ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، بىر تەرەپتىن بالىياتقۇ ئىنتايىن چوڭۇپ كەتكەنلىكتىن، دوۋساققا چۈشۈرگەن بېسىمى قايتىدىن ئېشىپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا كىچىك تەرەپ قېتىم سانى كۆپلەپ كىتىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ھامىلدارلىق 36-ھەپتىسىگە كىرگەندىن باشلاپ، ھامىيلىنىڭ باش قىسمى تۆۋەنگە قاراپ داس بوشلۇقىغا چۈشىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك دوۋساق ئۇچرايدىغان بېسىم تېخىمۇ ئېشىپ، كىچىك تەرەت كۆپلەپ قالىدىغان ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاپ كىتىدۇ. بەزىدە ھەتتا، ھامىلدار ئايال ھۆتەلگەن ياكى چۈشكۈرگەن ۋاقىتتىمۇ كىچىك تەرەتنى تۇتىۋالالماي تېمىپ سالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
سۈيدۈك كۆپىيىپ كىتىشنى قانداق ياخشىلاش كىرەك

سۇنى مۇۋاپىق ئىچىش
    بەزى ھامىلدار ئاياللار، ھاجەتكە چىقىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن سۇ ئىچىشنى ئازلىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل ھەرگىز تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولۇپ قالسا، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىغا تەسىر يىتىپ، ھامىلدار ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ھامىيلىنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز بولىدۇ. ھامىلدار ئايال سۇ ئىچىشنى ئازايتىۋەتسە بولمايدۇ، ئەمما توغرا ئۇسۇلدا سۇ ئىچىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك. ھامىلدار ئايال، كۈندۈز كۈنلىرى سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە بولىدۇ، ئەمما ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئىچىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش ھەمدە ئۇسسىغان ۋاقىتتا ئاندىن سۇ ئىچىمەن دىمەسلىك كىرەك. كەچلىكى بولسا، سۇ تۇلۇقلاشنى ئازايتساق بولىدۇ؛ بولۇپمۇ ئۇخلاشنىڭ ئىككى سائەت ئىچىدە سۇ ئىچمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ۋاقتىدا كىچىك تەرەت قىلىش
    بەزى ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ خىزمەتكە بارىدۇ ياكى توختىماي ھاجەتخانىغا يۈگرەشنى خالىمايدۇ؛ شۇڭا ئادەتتە كىچىك تەرىتى قىستىسا، ئۇلار سۈيدۈكنى يېغىپ، پەقەت چىداپ بولالمىغان ۋاقىتتا ئاندىن ھاجەتكە چىقىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىشقا بولمايدىغان بولۇپ، ئەگەر سۈيدۈك يېغىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، دوۋساقنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىدۇ ئېغىرراق بولغاندا، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ھەتتا بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە كىچىك تەرەت قىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولغان ھامانلا، ئىرىنىمەي ھاجەتكە چىقىشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号