ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمىگەندە كۆرىلىدىغان سىگناللار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 109654:قېتىم كورۇلدى
    پۈتكۈل ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بولسا، ھامىيلىنىڭ ساغلام يىتىلىشى بولۇپ، پەقەت ھامىيلە ساغلام يىتىلىدىغان ئىش بولسىلا، ئۆزى قانچىلىغان جاپالارنى تارتىشقىمۇ رازى بولىدۇ. ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەي قالغان خەۋەرنى ئاڭلاشتىن ئەنسىرەيدۇ؛ چۈنكى، ئەگەر ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەي قالسا، ۋاقتىدا بايقىيالىساققۇ ياخشى، بىراق ۋاقتىدا بايقىيالماي قالساق، ھامىيلىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىدۇ.
ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمىگەندە كۆرىلىدىغان سىگناللار
ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى بىنورماللىشىدۇ
    ھامىلدارلىق بەشىنچى ئېيى ئەتراپىدا ھامىيلىدە مىدىرلاش باشلانغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئاياللار ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش ئەھۋالىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىشى كىرەك بولۇپ، ھامىلدارلىق يەتتىنچى ئېيىدىن باشلاپ، ھامىيلىنىڭ مىدىرلاش قېتىم سانىنى سانايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈشى لازىم. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلىنىڭ ھەر 12سائەت ئىچىدىكى مىدىرلاش قېتىم سانى 100-30 قېتىم ئارىلىقىدا بولۇپ، ئەگەر مىدىرلاش قېتىم سانى تۇيۇقسىزلا كۆپىيىپ ياكى ئازىيىپ كەتسە، بۇنىڭ ھەممىسى ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنىڭ بىنورماللاشقانلىقى بولۇپ، ھامىلدار ئايال ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. چۈنكى بۇ ئەھۋالنىڭ، ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمەي قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇش ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن؛ بۇ ۋاقىتتا، ھامىلدار ئايال دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىشى كىرەك.
ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى بىنورماللىشىش
   ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىمۇ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان مۇھىم بىر ئۆلچەم بولۇپ، ھامىيلىنىڭ نورمال يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى، ھەر مىنۇتتا 160-120قېتىم بولىدۇ. ئەگەر ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى بۇ ئۆلچەمدىن تۆۋەن ياكى يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ھامىيلىنىڭ ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ھالىتىدە تۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىش كىرەك.
ھامىيلىنىڭ يىتىلىشى ئاستىلاپ كىتىش
   ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشىنى ساناش، يۈرەك سوقۇشىنى ئۆلچەش قاتارلىقلاردىن باشقا، ھامىلدار ئايال يەنە بالىياتقۇ ئىگىزلىك ئورنىغا قاراپ ھامىيلىنىڭ يىتىلىش ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئادەتتە، ھامىلدارلىق 28-ھەپتىسىدىن كىيىن، بالىياتقۇ ئىگىزلىك قىممىتى، ھەر ھەپتىسى بىر سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر ھامىلدار ئايالدا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى ھەپتە بالىياتقۇ ئىگىزلىك قىممىتى ئاشماسلىق ياكى ئېشىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا دوختۇرخانىغا بېرىپ، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ بېقىش لازىم بولىدۇ؛ چۈنكى، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشىنى، بەلكىم ھامىيلىگە ئوكىسگىن يىتىشمەسلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنىڭ ھامىيلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى
    ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئاڭلىماققىلا ناھايىتى ئېغىر بىر ئىشتەك بىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئوكسىگىن كەمچىل بولغاندا، ھەرقانداق بىر جانلىق داۋاملىق ھايات ساقلىنىشقا ئامالسىز قالىدۇ. بالىياتقۇ ئىچىدە ھامىيلىگە ئوكسىگىن يىتىشمىگەندە، يىنىك بولغاندا ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشىنى پەيدا قىلىپ، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇشىنى ياكى كىسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا بولسا، ھامىيلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كىتىشىنى ياكى تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号