ئالتىكىزەك بالىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرماي ئۆزى تۇغقان جەزبىدار ئانا
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6041:قېتىم كورۇلدى
    يېقىندا، ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى" بىر خەۋەر ئېلان قىلدى: بىر ھامىلدار ئايال، ئامىرىكا تېكساس شىتاتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئاران توققۇز مىنۇت سەرپ قىلىپ، ئالتىكىزەك بالا تۇغقان.
   ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كەلگەن بۇ ئانىنىڭ ئىسمى تېلما.چىياكا بولۇپ، ئۆزى خىيوستىن شەھرىدىن كەلگەن؛ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 15-مارت كۈنى سەھەردە، ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالتىكىزەك بالا تۇغقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى جۈپى ئوغۇل بوۋاق، بىر جۈپى قىز بوۋاق ئىكەن... ... ... تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقى ئەڭ يىنىك بولغىنى 793گىرام، ئەڭ ئېغىر بولغىنى 1300گىرام كىلىدىكەن... ... ...
    دوختۇرخانا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە بۇ ئالتە بوۋاقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەممىسىنىڭ نورمال بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانا ئىھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن، بوۋاقلارنى يىڭى تۇغۇلغان ئېغىر كىسەل بوۋاقلارنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ھەمدە كۆزىتىش ئېلىپ بارغان.
     بالىنىڭ ئانىسى بولسا، توغقان ئالتە بالىسىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى قىزىغا زىنا ۋە زۇرىل دەپ ئىسىم قويۇپ بولغان؛ ئەمما ئوغۇللىرىغا قانداق ئىسىم قويۇش توغرىسىدا، ئۇ كىيىن بىرنەرسە دىيىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئالتىكىزەك بالىغا ھامىلدار بولغاندا ھېچگەپ يوق، ئەكسىچە تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن بۇنچىلىك نامى چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى، ئانىنىڭ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئوڭۇشلۇق تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، دوختۇرخانىدىكى دوختۇر سېستىرا ۋە خىزمەتچى خادىملار، بەس-بەستە ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشىۋالدى.
     ئايالنى تۇغدۇرغان دوختۇر ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى.
     يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كىسەللىكى بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارمۇ، بۇنداق يامان ئايال بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشىۋالمىساق بولمايدۇ دەپ ئۇنى ئىزدەپ كەلدى... ....
     ھەتتا دوختۇرخانىدا باشقا پارچە ئىش قىلىدىغان خىزمەتچىلەرمۇ كەم قالمىدى.
     نورمالنى ئەھۋالدا، دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارنىڭ كۆرگەن ھەيران قالارلىق ئىشلىرى ئاز بولمايدۇ؛ ئەمما بۇ قېتىم ئۇلار نىمە ئۈچۈن بەس-بەستە بۇ ئايال بىلەن رەسىمگە چۈشىۋىلىشنى ئويلىشىپ كىتىدۇ؟
ئالدى بىلەن، دوختۇرخانا تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەبىئى ھالدا (پىروپبىركىدا يىتىشتۈرۈش دىگەنلەرگە ئوخشاش ھازىرقى زامان يۇقىرى پەن تېخىنىكىسى قوللانمىغان ئەھۋال ئاسىتىدا) ئۆزى ھامىلدار بولغان؛ بۇنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولۇش نىسبىتى 4مىليارد 700مىليۇندىن بىر بولۇپ، بۇنىڭ يۈز بىرىش ئېھتىماللىقى ئارقىمۇ ئارقىدىن ئىككى قېتىم چاقماق سوقىۋىتىشنىڭ يۈز بىرىش ئېھتىماللىقىغا توغرا كىلىدىكەن، لاتارىيەدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىشنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىماللىقىغا قارىغاندا كۆپ يۇقىرى ئىكەن... ...
     ئىككىنچىدىن، بۇ ئايال ئالتە بوۋاقنى تۇغۇپ بولۇش ئۈچۈن پەقەت 9مىنۇتلا ۋاقىت سەرپ قىلغان؛ بۇنىڭ قانداق بىر ئۇقۇم ۋە قانداق بىر ھالەت ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز ئاستا-ئاستا ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号