ئوغۇل پەرزەنت بىلەن قىز پەرزەنتنىڭ پەرقى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7284:قېتىم كورۇلدى
    ئىلگىرى كىشىلەر ھەمىشە ئوغۇل تۇغسا ياخشى دەپ قارايدىغان؛ چۈنكى ئوغۇل بالا كەلگۈسىدە ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كۈچ، مەسئۇلىيەت، ئائىلىگە باش بولۇش دىگەندەك جەھەتلەردە، قىزبالا ئوغۇل بالىغا ھەرگىز يىتەلمەيدۇ. بۇ سەۋەپلىك، جەمئىيەتتە ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان قاراش ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. بىراق كىيىنچە، كىشىلەر قىز بالىنىڭ تېخىمۇ يۇۋاش، ئۆيىدىكىلىرگە كۆيىنىدىغان كىلىدىغانلىقىنى ھەمدە قىز بالىنىڭمۇ ئائىلە ئۈچۈن زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىنى بايقاپ، قىز بالا تۇغسا تېخىمۇ ياخشىكەن دىگەن قاراشلار ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى.
    ھازىر بولسا، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنىڭ كىشىلەر ئىدىيىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە مەيلى ئوغۇل تۇغۇلسۇن ياكى قىز تۇغۇلسۇن ئوخشاش ھىس قىلىدىغان بولدى. ئەمما ئوغۇل ياكى قىز بولسا راستىنلا ئوخشاشمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى سىز قېرىغان ۋاقتىڭىزدا ھىس قىلىپ يىتىشىڭىز مۇمكىن؛ ئەمىلىيەتتە، ئوغۇل بالا تۇغۇش بىلەن قىز بالا تۇغۇش ئوتتۇرسىدا يەنىلا پەرق بار، بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتە.
ئاتا-ئانىسىنى غەم-ئەندىشىگە سېلىش جەھەتتە
    كىچىك ۋاقتىدا، قىز بالا بىر قەدەر يۇۋاش كىلىدىغان بولۇپ، ئۆيدە ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، مەكتەپتە مۇئەللىملىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ۋاقتىدا ئىشلەيدۇ، يەنە تېخى ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشىلىرى قىلىشىپ بىرىدۇ؛ قىسىقىسى، ئاتا-ئانىسىنى كۆپ خاپا قىلمايدۇ. بىراق ئوغۇللار بولسا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇلار كەپسىز كىلىدىغان بولۇپ، مەكتەپتە مۇئەللىملىرىگە يېنىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرىشىدۇ، قورسىقى ئاچمىسا ئۆيگە قايتمايدۇ، ھەمىشە ئاتا-ئانىسىنى ئەندىشىگە سېلىپ ئۆتىدۇ.
    چوڭ بولغاندىن كىيىن بولسا، ئىككىسى ئالمىشىپ قالىدۇ؛ قىز بالا يېنىدا ئەمەس ۋاقتىدا، ئاتا-ئانىسى ھەمىشە قىزىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كىچىكىدىن، باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ ئەمما ئوغلى يېنىدا ئەمەس ۋاقتىدا، ئۇلار نەچچە ئايلاپ تېلفون قىلىپ قويمىسىمۇ، ئاتا-ئانىسى ئۇلاردىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ.
ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش ئۇسۇلى جەھەتتە
    قىز بالىنىڭ نەزىرىدە، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتە، ئىمكان قەدەر ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەمىلى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە مۇھەببەت بىرىش كىرەك دەپ قارايدۇ. شۇڭا بىز ئادەتتە، ياتلىق بولۇپ چىقىپ كەتكەن قىز بالىنىڭ ھەمىشە بالىسىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ھەر قېتىمدا ھەرخىل نەرسىلەرنى كۆتۈرگەچ كىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بىراق ئوغۇل بالىنىڭ نەزىرىدە بولسا، ئاتا-ئانىسىغا يىتەرلىك تۇرمۇش پۇلى بىرىشنىڭ ئۆزى ۋاپادارلىق كۆرسەتكەنلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار ھەمىشە قەرەللىك ھالدا ئاتا-ئانىسىغا پۇل بىرىدۇ ھەمدە ئۇلارغا يىگۈسى بارنى يەپ، قىلغۇسى بارنى قىلىپ ئۆتۈشنى، پۇل خەجلەشكە كۆزى قىيماي قالماسلىقنى تاپىلايدۇ. بۇ دەل ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرقتۇر.
ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىش جەھەتتە
    قىز بالا كىچىكىدىن باشلاپ، ھەمىشە ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھاياتىدىكى چوڭراق ئىشلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىسىدىن مەسلىھەت سوراپ ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ئويلىنىش ئارقىلىق قارار چىقىرىدۇ. ئوغۇل بالا بولسا، نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزى كۆڭلىدە ساقلاپ ئۆتىدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار بەزىبىر ئىشلارنى سىرتقا دەپ يۈرۈشنى يۈز چۈشۈپ كەتكەنلىك دەپ بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىش جەھەتتىمۇ، ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ ئىپادىلرى ئوخشاشمايدۇ.
    ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالا، نۇرغۇن جەھەتلەردە بەك ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ؛ بىراق ئاتا-ئانا بولغۇچىغا نىسبەتەن، ئەمىلىيەتتە بالىسى ساغلام ھەم خۇشال-خۇرام بولسا، ۋاپادار بولسا، مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن ئوخشاشلا بىلىنىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号