دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك بوۋاق ئوڭۇشلۇق ھالدا دوختۇرخانىدىن چىقتى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5887:قېتىم كورۇلدى

    چەتئەل تورى 26-فىۋرال خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونيە چىڭ يىڭ داشۆسى دوختۇرخانىسى 26-فىۋرال كۈنى، 2018-يىلى 8-ئايدا ئاران 268گىرام ئېغىرلىقتا تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقنىڭ بۇ ئايدا ئوڭۇشلۇق ھالدا دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. ياپونيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە ئىگىلىگەن، تۇغۇلغان ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقى 300گىرامغا يەتمەيدىغان ھەمدە سالامەت ھالدا دوختۇرخانىدىن چىققان ئوغۇل بوۋاقلار ئىچىدە، بۇ بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ يىنىك بولۇپ، "دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئوغۇل بوۋاق" دىگەن نامغا ئىرىشكەن.
    چىڭ يىڭ داشۆ دوختۇرخانىسى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى بۇ يىل 30ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھامىلدارلىق ۋاقتىدا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئۇزۇن ۋاقىت ھېچقانداق ئېشىش كۆرۈلمىگەن، ھەمدە ھامىلدار بولۇپ 24ھەپتىلىك بولغان ۋاقىتتا، ئوپراتسىيە قىلىپ بالىنى مۇدەتتىن بۇرۇن تۇغدۇرغان. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقتىدا، بەدەن ئېغىرلىقى 1000گىرامغا يەتمىسە، ئۇنداقتا دەرىجىدىن تاشقىرى يىنىك تۇغۇلغان بوۋاق ھىسابلىنىدىكەن. ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتى 37ھەپتىگە توشماي تۇرۇپ تۇغسا، بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىقتىدارلىرى تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمايدۇ، شۇڭا ناھايىتى ئاسانلا نەپەسلىنىشتە توسالغۇ  بولۇش، يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى تۇلۇق يىتىلمەسلىك، مىڭە زەخمىلىنىش، كۆز كۆرمەسلىك قاتارلىق ھەر خىل ئەگەشمە كىسەللىكلەر كۆرىلىدىكەن.
    ئەينى ۋاقىتتا، چىڭ يىڭ داشۆ دوختۇرخانىسى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يېغىپ داۋالاش ئۆيىدە، نەپەس ئېلىشىنى ۋە ئۇزۇقلۇقنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، بۇ كىچىك بوۋاققا قارىتا ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش ئېلىپ بارغان. بوۋاق تەدرىجى ھالدا ئۆزى سۈت ئىچەلەيدىغان بولغان ھەمدە باشقا ئېغىر بولغان ئەگەشمە كىسەللىكلەرمۇ كۆرۈلمىگەن. بۇ يىل 20-فىۋرال كۈنى، بۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغىنىغا ساق 5ئاي توشقان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 3238گىرامغا يەتكەن ئىدى.
    ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، دەرىجىدىن تاشقىرى يىنىك تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاق، ئۆپكىسىنىڭ يىتىلىشى تېخىمۇ ئاستا بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھايات قېلىش نىسبىتى قىز بوۋاققا قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن بولىدىكەن. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئوغۇل بوۋاق دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كىيىن، ئادەتتىكى بوۋاقلارغا ئوخشاش سالامەت ھالدا تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىكەن.
   ئامىرىكا لوۋا داشۆسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوختۇرخانىلاردىن يېغىپ توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيادا، تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى 300گىرامغا يەتمەيدىغان ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە سالامەت دوختۇرخانىدىن چىققان بوۋاقلارنىڭ سانى 23 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇل بوۋاقتىن ئارانلا تۆتى بار ئىكەن. بۇندىن ئىلگىرى، دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئوغۇل بوۋاق، 2009-يىلى گىرمانىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئېغىرلىق 274گىرام بولغان. ئەڭ كىچىك قىز بوۋاقمۇ، 2015-يىلى گىرمانىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى 252گىرام كەلگەن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号