ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6629:قېتىم كورۇلدى
    ھازىر، ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى بالا غەلىتە شەكىللىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ كەتتى. ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى، يەنى ئالدىنقى ئۈچ ئېيى، ھامىيلە غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئاياللار بۇ تۆت جەھەتتە دىققەت قىلمىسا، ھامىيلىدە كەمتۈكلۈك كۆرۈلۈپ، بالىسى غەلىتە شەكىلدە تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھاراق-تاماكىغا يېقىن كەلمەسلىك
    ھاراق-تاماكىغا بىرىلىش، ئەسلىدىنلا سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. تاماكا تەركىبىدە، نىكوتىنغا ئوخشاش زەھەرلىك ماددىلار كۆپ بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئاياللارنىڭ تاماكا چىكىدىغان ئادىتى بولسا ياكى ھەمىشە باشقىلار چەككەن تاماكىنىڭ ئىسىنى سۈمۈرسە، تاماكا تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ئانا تېنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ھامىيلىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرتمۇ ئادەمگە زىيانلىق بولۇپ، ئەگەر ھامىلدار ئايال ھەمىشە ھاراق ئىچسە، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار ھاراق-تاماكىغا يېقىن يولىماسلىق كىرەك.
فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاش
   نۇرغۇن كىشىلەرگە مەلۇملۇق، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدى كەينىدە فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاش كىرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدارلىققا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلىدە، ئەڭ ياخشىسى ئەر كىشىمۇ فولىن كىسلاتا تۇلۇقلىشى كىرەك. فولىن كىسلاتاسى بولسا، سۇدا ئىرىشچان ۋىيتامىن بولۇپ، ئاقسىل ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىگە قاتنىشىدىغان مۇھىم ماددىدۇر. ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى بولسا، ھامىيلىنىڭ ھەرقايسى نىرۋا ئورگانىزىملىرىنىڭ يىتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، ئەگەر بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنىدە فولىن كىسلاتاسى يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا يادرو كىسلاتاسى ۋە ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر يىتىپ، بۇ سەۋەپلىك ھامىيلىنىڭ نىرۋا كانىلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭغا قارىتا ئىتىبارىنى قوزغاپ، ھامىلدار بولۇشنىڭ ئالدىدا فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلىيالماي قالغان تەقدىردىمۇ، ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا فولىن كىسلاتا تۇلۇقلىشى كىرەك.
گىرىم قىلماسلىق
    ھازىر نۇرغۇن ئاياللار، گىرىم قىلمىسا ئاساسەن ئىشىكتىن چىقمايدۇ؛ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ھامىلدار ئاياللارنىڭمۇ بۇنداق ئادىتى بولۇپ، ئادەتتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى گىرىم قىلماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى، بەزى گىرىم بويۇملىرى، بولۇپمۇ باھاسى ئەرزان سۈپىتى ناچار بولغان گىرىم بويۇملىرى تەركىبىدە، سىماپ، قوغۇشۇن قاتارلىق ئىغىر مىتال ۋە باشقا زەھەرلىك خېمىيىلىك ماددىلار كۆپ بولىدۇ.  ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۇزۇن ۋاقىت گىرىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، خېمىيىلىك ماددىلار ئانا تېنى ئارقىلىق ھامىيلىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئېغىر بولغاندا، ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشى، ھامىيلە چۈشۈپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار گۈزەللىككە ھەرقانچە ئىنتىلسىمۇ، قورسىقىدىكى بالا ئۈچۈن، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىمكان قەدەر ئازراق گىرىم قىلىشى كىرەك.
خالىغانچە دورا ئىشلەتمەسلىك
    ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدار ئايالنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، ھەمىشە زۇكام بولۇپ قىزىش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ؛ بىراق، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كىسەل بولۇپ قالغاندا، قالايمىقان دورا ئىشلەتمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك. چۈنكى، نۇرغۇنلىغان دورىلارنىڭ، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسىز تەركىبلىرى بار بولىدۇ، بولۇپمۇ ئانتىبىئوت(抗生素) تۈرىدىكى دورىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق؛ بۇ سەۋەپلىك، بىز نۇرغۇنلىغان دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە، "ھامىلدارنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلىنىدۇ" دەپ ئىنىق ئەسكەرتىش قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ھامىلدار ئاياللار ئۆزى بىلىپ خالىغانچە دورا ئىشلەتسە، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللار كىسەل بولۇپ ئاغرىپ قالسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

ھامىلدار ئايالنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىنىڭ ھامىيلىگە تەسىرى زور

ھامىلدار ئايالنىڭ قوسىقىدا باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق بار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكەت-قىلمىشلىرى، قوساقتىكى بالىنىڭ بىخەتەرلىكىگ

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

بالىنىڭ گېلى ئاغرىپ قالغاندا قانداق ئۇزۇقلىنىشى كىرەك

بوۋاقلار ئادەتتە ئۆزىنىڭ گېلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز بولغاچقا، ئەگەر ئۇلار توختىماي يىغلاپ، سۈت ئىچىشكە ئۇنىمىس

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号