قازان ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ئاڭلىغانمۇسىز؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 361003:ئادەم ئۆگەندى
   ئەگەر مەززىلىك تائام تەييارلايمەن دىسەك، قازان كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر بازاردا قازان سېتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، تاللا بازارلىرىغا ھەرخىل  قازانلار تىزىۋىتىلگەن؛ مەسىلەن داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازان، ساپال قازان، تۆمۈر قازان، مىس قازان ۋە چاپلاشماس قازانغا ئوخشاش ئالاھىدە ماتىرياللاردىن ياسالغان قازان دىگەنلەرگە ئوخشاش. تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە، بۇ بىر نەچچە خىل قازاننىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە چۈشەنچە بىرىپ ئۆتىمىز.
داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازان
   داتلاشماس پولاتنىڭ تەركىبىدە ئادەتتە خرۇم ۋە نىكېل ئىلمىنتى بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى نىكېل ئىلمىنتى ئاسانلا قازاننىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە، بۇ خىل داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان قازان، ئادەم بەدىنىدىكى كالتسى فوسفور نىسبىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، سۆڭەك، چىش قاتارلىقلارنىڭ يىتىلىشىدە مەسىلە كۆرۈلۈپ، بەدەن مىتابولىزىمى بىنورماللىشىدۇ ھەمدە بەدەندىكى ھەزىم قىلىش ئىنىزىمىنىڭ مىقدارىنى تىز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، داتلاشماس پولات تەركىبىدىكى خروم ئىلمىنتى بەزىبىر يىمەكلىكلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، بىر خىل ئېغىر مىتال تىپىدىكى كىسلاتالىق خروملۇق تۇز ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيانلىق تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ.
تىگى چاپلاشماس قازان
   تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر تىگى چاپلاشماس قازاننى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى، تىگى چاپلاشماس قازان ئىشلىتىشكە ھەقىقەتەن ئەپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىمەكلىك قازانغا چاپلىشىۋالمايدۇ. بىراق، تىگى چاپلاشماس قازاندا ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان يۇشۇرۇن خەۋپ ئامىلى ساقلانغان بولۇپ، ئەگەر تائام تەييارلاش جەريانىدا، قازان قىزىپ تىمپىراتۇرسى 500گىرادوستىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنداقتا تېگى چاپلاشماس قازان ئىچكى يۈز قىسمىغا يالىتىلغان ماتىريال يۇقىرى تىمپىراتۇرا سەۋەپلىك پارچىلىنىپ، بىر خىل زەھەرلىك گاز قويۇپ بىرىشكە باشلايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، قازان قىزىقلىقى تىمپىراتۇرسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ زەھەرلىك گاز قويۇپ بىرىش بارغانسىرى كۈچىيىدىغان بولۇپ، تىمپىراتۇرا 660گىرادوسقا يەتكەن ۋاقىتتا قويۇپ بەرگەن زەھەرلىك، گاز قۇش تۈرىدىكى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى(ئادەمگە نىسبەتەن، باش قېيىش، قىزىش ياكى بەدەنگە تىتىرەك ئولىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى) كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. شۇڭا، ئادەتتە تىگى چاپلاشماس قازان ئىشلەتكەندە، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىھتىيات قىلىش، يۇقىرى تىمپىراتۇرا مۇھىتىدا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
ساپال قازان
   ساپال قازانمۇ تۇرمۇشتا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسسىقلىققا ئۇچرىشى تەكشى بولىدىغان بولغاچقا، شورپا ۋە شورۋىگۈرۈچ قاينىتىشتا ئىشلىتىشكە بىرقەدەر ماس كىلىدۇ، شۇڭا تۇرمۇشتا بىرقەدەر كەڭ تارالغان. ئەمىلىيەتتە، ساپال قازاننىڭ بەدەنگە زىيانلىق تەسىرى بار. چۈنكى ساپال قازان، ئېمالغا رەڭ بىرىش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، تەركىبىدە قوغۇشۇن ئىلمىنتى بار؛ ئەگەر ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىپ قالغان قوغۇشۇن ماددىسى بەلگىلىك مىقدارغا يەتسە، ئادەمدە كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇپ ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ قان ياساش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ بەزى ساپال قازنلارنىڭ ئىچكى قىسمىغىمۇ رەڭلىك رەسىملەر سىزىلغان بولۇپ، بۇنداق قازاننىڭ بەدەنگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى تېخىمۇ بىۋاستە ھەم زور بولىدۇ.
ئەڭ بىخەتەر قازان—تۆمۈر قازان
    تۆمۈر قازان ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان ھەمدە ئومۇملىشىش دائىرىسى ئەڭ كەڭرى بولغان قازان بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ھېچقانداق زىيانلىق تەسىرى يوق. تۆمۈر قازان ماتىريالى تەركىبىدە ھېچقانداق خېمىيلىك ماددىلار يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوكسىدلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. بۇندىن باشقا، ئىشلىتىش جەريانىدا ھاسىل بولغان تۆمۈر چۆكمە ماددىلىرى، يەنە تېخى بەدەنگە بەلگىلىك پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، تۆمۈر قازاننى ئىشلتىشتىمۇ بەزىبىر نوقتىلارغا دىققەت قىلىش كىرەك بولىدۇ. ئالدى بىلەن، يىڭى سېتىۋالغان تۆمۈر قازاننى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، تۇز سۈيىگە ئازراق ۋاقىت چىلاپ قويغاندىن كىيىن ئاندىن يۇۋىتىپ ئىشلىتىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، تۆمۈر قازان ئىچكى دىۋارىنىڭ يۈز قىسمىغا سۈرتۈلگەن پاقىرتىش مېيىنى پاكىزە چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، تۆمۈر قازاننى ئوتنى بىر ياققانچە بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ مەسىلەن شورپا قايناتقان ياكى شورۋىگۈرۈچ پىشۇرغان ۋاقىتلاردا، بەك ئۇزۇن ۋاقىت قاينىتىۋەتسەك، تۆمۈر قازان ئاسانلا داتلىشىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئەگەر تۆمۈر قازاندا دات پەيدا بولىۋالغان بولسا، قازاننى ئاق ئاچچىقسۇدا يۇغاندىن كىيىن، ئوتقا قاقلاپ قىزىتقاندىن كىيىن، قازاننىڭ ئىچكى دىۋارىنى پاكىزە پاختىلىق رەختتە سۈرتۈپ بەرسەك، قازاننىڭ داتلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.

بامبۇك چوكا، داتلاشماس پولات چوكا... قايسى خىل چوكا ئەڭ ياخشى؟

بامبۇك چوكا، ياغاچ چوكا، داتلاشماس پولات چوكا، سۇلياۋ چوكا... شۇنچە كۆپ چوكىلارنىڭ ئىچىدە، زادى قايسىسى ئەڭ ياخشى؟

قازان ھەققىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ئاڭلىغانمۇسىز؟

ئەگەر مەززىلىك تائام تەييارلايمەن دىسەك، قازان كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر بازاردا قازان سېتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، تاللا بازارل

ياخشى ئاشخانا سايمانلىرى، بەختىلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ بىر قىسمى

دائىم تاماق ئىتىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئاشخانا ئۇنىڭ ئۇسۇل سەھنىسى ۋە جەڭ مەيدانى؛ ھەر خىل خام يىمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق، نا

ئەمەلى قوللىنشچانلىقى ئاساس قىلىنغان قىزىقارلىق ئاشخانا سايمانلىرى

قورسىقىغا ئامراق ياكى داۋاملىق تاماق ئىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، قىزىقارلىق كەلگەن ئاشخانا سايمانلىرى ياكى قاچا-قۇ

قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلارنى توغرا ئوسۇلدا يۇيماسلىق زەھەر يىگەنگە ئوخشاش!

تاماق تەييارلاش ۋە يىيىشتە ھەرخىل قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلاردىن ئايرىلالمايمىز؛ ئەگەر ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ تا

نەپىس قاچا-قۇچىلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ!

بەزىلەر مودا قوغلىشىدۇ، بەزىلەر كىلاسسىكلىققا ئىنتىلىدۇ؛ بەزىلەر ئۆزگىچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر سۈپەتنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما كۆ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号