دائىم تاماق ئىتىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئاشخانا ئۇنىڭ ئۇسۇل سەھنىسى ۋە جەڭ مەيدانى؛ ھەر خىل خام يىمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق، ناھايىتى سىھىرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ؛ بەزىلىرى رەڭدارلىقى كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ، بەزىلىرى ھەرخىل ئىسىل پۇراقلارنى تارقىتىپ ئىشتىھايىمىزنى ئاچىدۇ.

گىرمانىيەدە ئىشلەنگەن، 100 يىللىق تارىخقا ئىگە ئاشخانا سايمانلىرى داڭلىق ماركىسى --- WMFنەسىمى ماركىسى 1853-يىلدىن بويان، پىشىرۇش، غىزالىنىش، ۋە ئىچىملىك تېتىشنى بىر خىل خوشاللىققا تولغان تۇرمۇش كەچمىشىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشپ كەلدى. بۇ ماركىدىكى ئاشخانا سايمانلىرى كىشىلەرنىڭ يىمەكلىكلەرنى ساغلام پىشۇرۇشقا بولغان ئىھتىياجىنى قانائەتلەندۈردى؛ ئۇلارنىڭ سىلىق كەلگەن فارفور يۈزىدە ئارتۇق يىمەكلىق قالدۇقى تەملىرى قالمايدىغان بولۇپ، يىمەكلىكلەرنى ئەسلى تەبىئى تەمىنى ساقلاپ قالالايدۇ؛ تەبىئى ماتىرياللاردىن ياسالغان، سىرتقى يۈزى ھەر خىل رەڭلىك كەلگەن قازانلار سىزنىڭ ئاشخانىڭىزغا زىننەت قوشۇش بىلەن بىرگە، يەنە مۇھىت ئاسراش يىتەكچى ئىدىيىسىنى ئاساس قىلىپ لاھىيىلەنگەن.

ئادەتتە خىزمەتلىرىڭىز ئالدىراش بولغانلىقىڭىز سەۋەپلىك، يىمەكلىكلەر ئۇزۇن تۇرۇپ تەمى ئۆزگىرىپ كىتىدىغان ئىشلار بېشىڭىزنى ئاغرىتامدۇ؟ WFMنەسىمى ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ يۈزى كىچىك مىكرو تۆشۈكچىلىرى يوق لاھىيىلەنگەن بولۇپ، يىمەكلىكنى ئىچىدە ئۇزۇن مەزگىل قويۇپ ساقلاشقا بولىدۇ، يىمەكلىكنىڭ ئەسلى تەبىئى تەمىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

بۇنداق سۈپەتلىك ئاشخانا سايمانلىرى سىزنىڭمۇ قىزىقىشڭىزنى قوزغىدىمۇ؟ شۇنداق، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سۈپىتى تەييارلىغان تائاملىرىمىزنىڭ سۈپىتى ۋە سالامەتلىكىمىزگە بىۋاستە تەسىرى كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئىككىلىنىپ تۇرماي، سۈپەتلىك ئاشخانا سايمانلىرىدىن بىر يۈرۈش سېتىۋىلىپ، تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭ!

بامبۇك چوكا، ياغاچ چوكا، داتلاشماس پولات چوكا، سۇلياۋ چوكا... شۇنچە كۆپ چوكىلارنىڭ ئىچىدە، زادى قايسىسى ئەڭ ياخشى؟
ئەگەر مەززىلىك تائام تەييارلايمەن دىسەك، قازان كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر بازاردا قازان سېتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، تاللا بازارل
دائىم تاماق ئىتىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئاشخانا ئۇنىڭ ئۇسۇل سەھنىسى ۋە جەڭ مەيدانى؛ ھەر خىل خام يىمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق، نا
قورسىقىغا ئامراق ياكى داۋاملىق تاماق ئىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، قىزىقارلىق كەلگەن ئاشخانا سايمانلىرى ياكى قاچا-قۇ
تاماق تەييارلاش ۋە يىيىشتە ھەرخىل قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلاردىن ئايرىلالمايمىز؛ ئەگەر ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ تا
بەزىلەر مودا قوغلىشىدۇ، بەزىلەر كىلاسسىكلىققا ئىنتىلىدۇ؛ بەزىلەر ئۆزگىچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر سۈپەتنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما كۆ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号