تاماق تەييارلاش ۋە يىيىشتە ھەرخىل قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلاردىن ئايرىلالمايمىز؛ ئەگەر ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلۋەتمىگىنىمىزدە، بۇ سايمانلاردا يۇيۇپ چىقىرۋىتىلمەي قالغان يىمەكلىك قالدۇقلىرى چىرىپ ھەرخىل باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ياكى پۈتۈن بەدەن خارەكتىرلىك كىسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۆۋەندە بىز بىر نەچچە خىل ماتىريالدا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇشتىكى بەزىبىر ئامال-چارىلەرنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:
1. ساپال چىنە-تەخسىلەردىكى ماي قالدۇقىنى ئۇن ئارقىلىق يۇيۇش

ئۆيىڭىزدە ساقلاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇن بولسا تاشلىۋەتمەڭ؛ چۈنكى ئۇندىن پايدىلىنىپ ساپال قاچا-قۇچىلارنى يۇيساق ئەڭ ياخشى، ئۇن قاچا-قۇچىلاردىكى قالدۇق مايلارنى ئۆزىگە سۈمۈرۋىلىپ، قاچىلىرىڭىزنى پاكىزە قىلىۋىتىدۇ.
2. داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى ئاناناس( 菠萝 ) پوستى بىلەن يۇيۇش

داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى ئاسان قارىداپ قېلىپ، ئادەتتە يۇيۇپ چىقىرۋەتمىكىمىز تەسكە توختايدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز چوڭراق بىر قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئاناناس پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا تاشلىغاندىن كىيىن، ئۆيىڭىزدىكى باشقا قارىداپ قالغان داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى قازاندىكى سۇغا سېلىپ 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىسىز. ئاخىرىدا، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، سۇ سۇۋۇغاندىن كىيىن ئاشخانا سايمانلىرىنى سۈزۈپ ئالسىڭىز، قارىلارنىڭ يوقاپ يىڭى ھالەتكە كىلىپ قالغىنىنى بايقايسىز.
3. ئاليومىندىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى پىياز بىلەن تازىلاش

ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاليومىن قازاننى كۆيدۈرۈپ قويسىڭىز، قازانغا پىيازدىن ئازراق تاشلاپ سۇ قۇيۇپ قايناتسىڭىز، ئۇزۇن ئۆتمەي بارلىق كۆيۈك ماددىلىرىنىڭ لەيلەپ چىققىنىنى كۆرىسىز.
4. تۈمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى يىرىك تۇز بىلەن تازىلاش

تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى تۆمۈر قازان، كۆكتات توغرايدىغان پىچاق قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى داتلىشىپ قېلىشنىڭى ئالدىنى ئېلىش، دات چىقىرش كىرەك بولىدۇ. ھەر قېتىم تاماق تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن، قازاننى يۇيىۋىتىپ، قۇرۇق لاتىدا سۈرتىۋەتسەك ئادەتتە داتلىشىپ قالمايدۇ.
ئەگەر قورۇما قورۇۋاتقاندا يىمەكلىكلەر كۆيۈپ قازانغا چاپلىشىۋالسا، يىرىك تۇزنى قازاندا ئازراق قورىۋەتكەندىن كىيىن قازاننى يۇيىۋەتسەك، چاپلاشقان كۆيۈكلەرنى پاكىزە چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
تۈمۈر قازان ۋە كۆكتات توغرايدىغان پىچاقلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن، زەنجىۋىل پارچىسى بىلەن سۈرتۈۋەتسەك ياكى بىر قاتار ماي سۈرىۋەتسەك، داتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرى داتلىشىپ قالغان بولسا، بەرەڭگە پوستىدا سۈرتسەك، داتلارنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
5. پىلاستىردا ياسالغان ئاشخانا سايمانلىرىنى ئىچىپ تۆكىۋەتمەكچى بولغان چايلار قالدۇقى بىلەن تازىلاش

ئىچىپ ئېشىپ قالغان چاي قالدۇقىنى داكا بىلەن ئوراپ يىمەكلىككە ئىشىلىتىدىغان مايغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ بىلەن پىلاستىر ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ ئىچى-تېشىنى بىر رەت سۈرتىمىز؛ ئۇندىن كىيىن ئازراق يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا يۇۋەتسەك بولىدۇ.
6. تاختىنى ئاق سىركە بىلەن تازىلاش

تاختىدا گۆش ۋە بىلىق توغرىغاندىن كىيىن، تاختىدا بىر خىل پۇراق پەيدا بولىۋالىدۇ؛ ئاق سىركىنىڭ بولسا باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش، دىزىنفىكسىيەلەش ۋە پۇراق يوقىتىش رولى بار بۇلۇپ، ئاق سىركىنى بىۋاستە تاختا يۈزىگە پۈركۈپ، قۇياش نۇرى ئاستىدا تەبىئى ھالدا قۇرۇتقاندىن كىيىن سۇدا يۇۋەتسەك تاختىدىكى غەلىتە پۇراقلار يوقايدۇ.

بامبۇك چوكا، ياغاچ چوكا، داتلاشماس پولات چوكا، سۇلياۋ چوكا... شۇنچە كۆپ چوكىلارنىڭ ئىچىدە، زادى قايسىسى ئەڭ ياخشى؟
ئەگەر مەززىلىك تائام تەييارلايمەن دىسەك، قازان كەم بولسا بولمايدۇ. ھازىر بازاردا قازان سېتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، تاللا بازارل
دائىم تاماق ئىتىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئاشخانا ئۇنىڭ ئۇسۇل سەھنىسى ۋە جەڭ مەيدانى؛ ھەر خىل خام يىمەكلىكلەر ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق، نا
قورسىقىغا ئامراق ياكى داۋاملىق تاماق ئىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، قىزىقارلىق كەلگەن ئاشخانا سايمانلىرى ياكى قاچا-قۇ
تاماق تەييارلاش ۋە يىيىشتە ھەرخىل قازان-قۇمۇچ ۋە چىنە-قاچىلاردىن ئايرىلالمايمىز؛ ئەگەر ئىشلەتكەن ئاشخانا سايمانلىرىنى پاكىزە يۇيۇپ تا
بەزىلەر مودا قوغلىشىدۇ، بەزىلەر كىلاسسىكلىققا ئىنتىلىدۇ؛ بەزىلەر ئۆزگىچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر سۈپەتنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما كۆ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号