لوگەنما(老干妈)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 118452:ئادەم ئۆگەندى

   لوگەنما ماركىلىق مايلىق مۇچ قىيامى تۇرمۇشىمىزدىكى ئەنئەنىۋى تەم-خۇرۇچ يىمەكلىكىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بىرى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تەمى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشى بولىشىغا تايىنىپ، تائام تەييارلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان تەم-خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ بىر تۈرىگە ئايلاندى.
   1984-يىلى تاۋ خۇابى خانىم ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەييارلاش ئۇسلۇبىغا تايىنىپ، تەمى ئۆزگىچە كەلگەن تائامغا تەم قوشقۇچى خۇرۇچ ماتىريالى—لوگەنما ماركىسىدىكى مايلىق مۇچ قىيامىنى بازارغا سېلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇردى. ھازىر لوگەنما ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك مەھسۇلات تۈرلىرى 20 نەچچە خىلغا يەتكەن بولۇپ، لوگەنما شىركىتى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇچ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىغا ئايلاندى.
   2012-يىلى 7- ئايدا ئامىرىكا ھەشەم بۇيۇملىرى تور سودا شەھەرچىسى، لوگەنما ماركىلىق مايلىق مۇچ قىيامىنى "ئىسىل ھەم قىممەتلىك تەم خۇرۇچ ماتىريالى" دەپ باھالاپ، چەكلىك ۋاقىتتا تالىشىپ سېتىۋىلىش باھاسىنى ھەر ئىككى قۇتىسىنى 11.95 ئامرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 79.1 يۈەن جۇڭگۇ پۇلىغا تەڭ) قىلىپ بىكىتكەن. لوگەنما ماركىلىق مايلىق مۇچ قىيامى ھازىر ئامىرىكىدا، "جۇڭگۇدىن ئىمپورت قىلىنغان ھەشەم بۇيۇمى" ھىسابلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  老干妈
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  The Godmother
ئاساسلىق خام ئەشياسى:  يەر ياڭىقى(花生)، مۇچ، كاۋاۋىچىن، قىچا مېيى، سامساق
مەھسۇلات تۈرى:  تەم-خۇرۇچ ماتىريالى
تەمى:  پۇراقلىق، ئاچچىق، تۇزلۇق
ئىشلەپچىقىرىلغان ئورنى: گۇيجۇ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھرى نەنمىڭ رايونى
ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان تائاملار
   خوگو، قورۇما، سۇغۇق سەي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە تەم تەڭشەش خۇرۇچى قاتارىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە تەييار بولغان تائاملارغا قوشۇپ ئسىتىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号