قاقىلە(草果)
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 34891:ئادەم ئۆگەندى

 

ئۇيغۇرچە نامى قاقىلە
ئەرەبچە نامى قاقىلە كىبار
ئىنگلىزچە Tsao-ko Amonum Fruit
ۋاقتى 10-11- ئاي
خەنزۇچە ئاتىلىشى 草果
پارسچە نامى ھيل كلال
ئوردۇچە نامى ئەلالىچى كەلان
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

قاقىلە: قاقىلەنىڭ تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ئاشقازام-ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، تاماق سىڭدۈرۈش، كېكىرىك ھەيدەش، يەل ھەيدەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق روللىرى بار( دىققەت: ئۈچەيدىكى نەملىكنى قۇرۇتىدۇ، ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ، تۈزەتكۈچىسى كەتىرا). قاقىلەنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئارپىنەدىيان بىلەن قۇرۇپ، شېكەر بىلەن سوقۇپ تالقان تەييارلاپ ئىچسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ. قاقىلەنى خولىنجان بىلەن قوشۇپ سوقۇپ تالقان تەييارلاپ تالقاننى چىش مىلىكىگە سەپسە، چىش مىلىكى بوشاش ۋە ئېغىز ئىچىدىكى مۇدۇر-چاقىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

چۈشەندۈرۈشى 

      قاقىلە  بولسا  زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 3 ~ 2 مېتىرغىچە ئۆسىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئۆسۈملۈك ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ بىر ىلى چوڭراق كېلىدۇ. بۇ ئادەتتە «چوڭ قاقىلە» دېيىلىدۇ، يەنە بىرى كىچىكرەك كېلىدۇ. بۇ «كىچىك قاقىلە» دېيىلىدۇ)، چوڭ قاقىلىنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مېۋىسى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «قاقىلە»، «قاقىلە» نامىدا دورىغا ئشلىتىلىدۇ.10-11- ئايلاردا مېۋىسى قىزىرىپ پىشقاندا يېغۋىلىنىدۇ.ئېلىمىزنىڭ يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ھەمدە ھىندىستان، نېپال قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

 

خۇسۇسيىتى

 

ئاشقازان، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، تاماق سىڭدۈرۈش، كېكىرتىش، قورساقتىكى يەلنى تارقىتىش، ئۇسسۇزلۇق پەسەيتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش.

خاس تەسىرى

ئاشقازان-ئۈچەينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا

ئەكىس تەسىرى

ئۈچەيگە قوقۇق يەتكۈزىدۇ، ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

 1. قىزىتما قايتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، دەم سىقىلىشنى داۋالاش، ئاغرىق پەسەيتىش رول 2. ئۆي توشقىنىغا بەرسە قان بېسىمىنى دەرھال چۈشۈرگەن. نەپەسنى تېزلەنكەن.

ئۆنۈملۈك تەركىبى

قاقىلە تەركىبىدە %3 ئەتراپىدا ئۇچۇچان ماي بار، ئۇندىن باشقا كراخمال، ماي قاتارلىقلار بار.

 

ئىشلىتىش ئۇسۇلى

1. قاقىلەنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان بىلەن قورۇپ شېكەر بىلەن سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلسا، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.

2. قاقىلەنى خولىنجان بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، سۇپۇپىنى چىش مىلىكىگە سەپسە، چىش مىلىكى بوشاش، ئېغىز ئىچى مۈدۈر چاقىلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

3. قاقىلە، لاچىندانە ھىندى، گۈل دارچىن، بەدىيان 10 گرامدىن، پىننە 7 گرام قائىدە بويىچە چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلاپ، يەل ھەيدەيدۇ.

دورىلىق ئورنى

قاقىلىنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مېۋىسى

مىقدارى

10 ~ 5 گرام

ساقلىنىدۇ

ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، سالقىن ئورۇندا ساقلىنىدۇ.

 

تۈزەتكۈچىسى

ئۆپكىگە كەترا، ئۈچەي ئۈچۈن قەنت

ئورۇنباسارى

لاچىندانە، كاۋاۋىچ

شىپاسى:ئاشقازان، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، ھەزىم ناچارلىقى، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

 

 

 

شېڭچوۋ جىياڭيۇسى (生抽)

شېڭچوۋ جىياڭيۇنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دادرۇ ياكى قارا پۇرچاق ۋە ئۇننى ئاساسلىق خام ماتىريال قىلىپ، تەبىئى قاقلاپ ئېچىتىش ئارقىلىق تەييارلا

ئالىقات(枸杞)

دورا نامىئالىقات مېۋىسى药名 تونۇش نامى ئالىقات مېۋىسى 释名 باشقا نامى مۇرقات 异名

قاقمۇچ (干辣椒)

قاقمۇچ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى تەبىئى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇش، سۈنئى ئۇسۇلدا سۇسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياساپ چىققان مۇ

تېتىتقۇ (味精)

تېتىتقۇ تەم-خۇرۇچلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ناترىي گىلۇتۇمات؛ ناترىي گىلۇتۇمات بولسا ئامىنو كىسلاتا تۈرىدىكى بىر خى

شاكال بەدىيان(八角)

شاكال بەدىيان: شاكال بەدىيان يېمەك-ئىچمىكىمىزدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەم خۇرۇچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىيىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇ

ئاق شىكەر(白砂糖)

ئاق شىكەر يىمەكلىك قەنتنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ ئاق رەڭلىك ئۇششاق كىرىستال ھالىتىدە كىلىدۇ؛

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号