ئىشتىھانى ئاچىدىغان بۇ خىلدىكى تۇزلانغان كۆكتات تەييارلاشنى بىلىۋىلىڭ!
ياز كۈنلىرى ئەتىگەندە، ناشتىلىق ئۈچۈن بىر تەخسە تۇزلانغان كۆكتاپ بولسا ئادەمگە ناھايىتى يېقىشلىق بولىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا ناھايىتى تەملىك كەلگەن، ئىشتىھانى ئاچىدىغان بىر خىل تۇزلانغان كۆكتات ئېلىپ كەلدۇق، ئۆيىڭىزدە تەييار قىلىپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
تەرخەمەك، قىزىلمۇچ، سەۋزە، يىڭى زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، خاسىڭ مېيى، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شىكەر
ئالدى بىلەن تەرخەمەكنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.


تەرخەمەكنى توغراپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېپىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، 4-3 سائەت قويۇپ قويىمىز ھەم يېغىلىپ قالغان سۈيىنى تۆكىۋىتىمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، بەك تۇزلۇق بولۇپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇزنىڭ مىقدارىنى چوقۇم ياخشى كونتىرول قىلىڭ.

قىزىلمۇچىنى يۇيۇپ، ئۇششاق بەلدەپ توغرايمىز. قىزىلمۇچ چوقۇم سۈيى تۇلۇق قۇرىغان بولۇشى كىرەك.


زەنجىۋىلنى يۇيۇپ پوستىنى قىرىۋىتىپ ئۇششاق بەلدەپ توغرايمىز؛ سەۋزىنى يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، يۇغاندا يۇقۇۋالغان سۇلارنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇشنى ئۇنۇتماڭ! بۇ تەييارلىقلار تۆگىگەندىن كىيىن، توغرالغان كۆكتاتلارنى بىر قاچىغا سالىمىز.

مۇۋاپىق مىقداردىكى شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى ۋە ئاق شىكەرنى قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز؛ بۇندىن باشقا ئازراق كاۋاۋىچىننى قاينىتىپ مېيىنى چىقىرىپ، سۇۋىغاندىن كىيىن قازانغا سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز. چوقۇم سۇۋىغاندىن كىيىن ئارلاشتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ!

ئارلاشتۇرۇلغان تېتىتقۇ شەربىتىنى قاچىدىكى كۆكتاتنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، قۇرۇق چوكا بىلەن تەكشى قوچۇپ ئارلاشتۇرىمىز. بۇ ھالەتتە بىر ئاخشام قويۇپ قويساق ئىككىنچى كۈنى يىيىشكە بولىدۇ.



دىېھقانچە چىلىغان تۇرۇپ پوستى ئىسمى؛دىېھقانچە چىلىغان تۇرۇپ پوستى <农家罗卜皮> ئاساسلىق ماتېرىيال ؛ 1-. ئاق لوبو يەنى<水罗卜>ئىككى كىلو قوشۇ
ئاساسلىق كېرەكلىك ماتىرياللار : ئاق تۇرۇپ 1 كىلو ، تۇز 50 گىرام ، سامساق 5 تال ، ئاق ئاچچىقسۇ 500 مىللىلىتىر ، لىمون شىرنىسى مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى:پېچەكگۇلنىڭ پۇستىنى ئاقلاپ پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.قازانغا سۇقۇيۇپ پېچەكگۇلنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇپ
خام ماتىريالى: يېسۋېلىك بىر تۇپ، تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، چۈچۈتۇلگەن ياغ، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن ئۇنى، قىزىلمۇچ ئۇنى، تېتىتقۇ، قىزىلمۇچ يېغى چى
ئىشلەش ئۇسۇلى: يىسىۋەلەكنى پاكىز يۇيۇپ ،سۈيىنى ساقىتىپ ئۇزۇنسىغا 4 پارچە قىلىپ توغرايمىز ئالمىنى ئاقلاپ ئۇرۇقچىللىرىنى چىقىرىپ توغرا
كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنۈش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆكتاتنى ئاساس قىلىپ ئۇزۇقلىنىدى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号