چۈچۈمەل كالا گۆشى تەييارلاش
5 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 316916:ئادەم ئۆگەندى
   كىتەرلىك ماتېرىيالى: كالىنىڭ سان گۆشى، غولپىياز، زەنجىۋىل
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاق شېكەر، ناۋات، تېتىتقۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، قاقىلە، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، شاتارى، قوۋزاق دارچىن، ئارپا بەدىيان، قاقمۇچ، خولىنجان، لاچىندانە، شىياڭيې، داغۇر، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت
  تەييارلاش ئۇسۇلى: قازانغا كالا گۆشى چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ كالا گۆشىنى سېلىپ قاينىتىمىز؛ قازان قاينىغاندىن كېيىن كۆپۈكچىلىرىنى پاكىزە سۈزۈۋىتىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەم خۇرۇچلىرىدىن ۋە غولپىياز زەنجىۋىللاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ، بوش ئوتتا ئىككى سائەت قاينىتىپ پىشۇرۋالىمىز. بىر قاچىغا يۇمشاق سوقۇلغا قىزىلمۇچ ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، جىياڭيۇ، ئاچچىقسۇ ۋە كۈنجۈت قوشقاندىن كېيىن، قازاندا بىر چۆمۈچ ياغ قىزىتىپ ئۈستىگە قۇيۇپ، قىيام تەييارلىۋالىمىز.
   كالا گۆشىنى سۈزۈپ ئېلىپ سۇۋۇتقاندىن كېيىن، چىرايلىق شەكىلدە نىپىز توغراپ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە تەييارلىغان قىيامنى قۇيۇپ تەملەندۈرۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

كاۋاۋىچىن مۇچ تەملىك توخۇ

خام ماتېرىيالى:توخۇ بىر دانە،كۆك-قىزىل مۇچ،غولپىياز،غولپىياز مايسىسى،زەنجىۋىل،سامساق مۇۋاپىق مىقداردا. تەم خۇرۇچلىرى:سۇ ماي،تۇز،كاۋا

چۈچىمەل قېرىن

خام ماتىريالى:قوي قېرىنى بىر دانە،كۆك-قىزىلمۇچ يېرىم تالدىن تەم خۇرۇچلىرى :تۇز قىزىلمۇچ يېغى ،سامساق ،ئاچچىقسۇ , تەييارلاش ئۇسۇلى :پىشۇ

تەملىك توخۇ تاشلىقى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ دۇرا-دەرمەك بىلەن قېرى شورپا تەييارلاپ توخۇ تاشلىقىنى پىشۇرۇپ سۇزۋالىمىز.ئاندىن يالپاقداپ توغرىۋالى

كاۋاۋىچىن تەملىك قوي پاچىقى

خام ماتېرىيالى: قوي پاچىقى سەككىز دانە،كۆك-قىزىل مۇچ،غولپىياز ،سامساق مۇۋاپىق مىقداردا. تەم خۇرۇچلىرى:ئابدۇللا ئۇستام تېتىتقۇسى تەييار

پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى

پىياز ئارلاشتۇرۇلغان توخۇ گۆشى قەلەمچىسى ئىشتىھانى ئاچىدىغان سۇغۇق سەي بۇلۇپ ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى ، تۆۋەندە بىز بىرلىكتە كۈرۈپ باق

كۆك پىياز ئارىلاشتۇرۇلغان قوي قېرىنى

قېرىننى پاكىزلاپ تەييارلىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ سۇدا پىشۇرۋالىمىز. قېرىن پىشقاندىن كيىن سۈزۈپ ئېلىپ، قەلەمچە شەكىلدە توغراپ قاچى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号