غۇنچە لەڭمەن تەييارلاش ئۇسۇلى
5 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 339686:ئادەم ئۆگەندى

   خام ماتىريالى: ئۇن ، گۆش ، سۇ يېغى، يېسۋېلىك، كۆك-قىزىلمۇچ، سامساق، غولپىياز، پەمىدۇر، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ (پەمىدۇر قىيامى)

   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاچچىقسۇ
   تەييارلاش ئۇسۇلى: دەرىسلىكتە ئېيتقىنىمىزدەك،پەسىلگە قاراپ ئۇنغاتۇز ۋەسۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ،15مىنۇت تىندۇرغاندىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا،ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرىمىز.

   گۆش ۋە كۆكتاتلارنى قوناق چوڭلىقىدا دان-دانقىلىپ بىر خىل شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز.

   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ گوشنى سېلىپ ئاندىن غولپىياز يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سېلىپ قورۇپ ئازراق تۇز سالىمىز.ئاندىن پېسۋېلەك(چۇكا پۇرچاق،سامساق غولى،بەرەنگە،پېدىگەن)سېلىپ قورۇپ ئاندىن كۆك-قىزىلمۇچ،پەمىدۇر سېلىپ قورۇپ ئازراق كاۋاۋىچىن ئۇنى سېلىپ مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ،تۇز،تەمىنى تېتىپ ،ئاچچقسۇ سامساق سېلىپ بىر قاچىغا ئېلۋالىمىز.

   پىلتىنى پىشۇرۇش: قازانغا چوپ لايلەپ بىشقىدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ .تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋىلىپ،ئاندىن ئىككى بىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار-قاتارتىزىلىدۇ.ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغا بوش-بوش ئۇرۇپ،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزىلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا،بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزىۋېتىپ،ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ،ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قورىمىسىنى سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.

   ئالاھىدىلىكى: ئىنتايىن يىيىشلىك بۇلۇپ كۆكتات ئىلغايدىغانلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ . بۇ تاماق غۇلجا خەلقى دائىملىق ئىستىمال قىلدىغان لەڭمەنلەرنىڭ بىر تۇرى.
 

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号