ئىشتىھانى ئاچىدىغان تۇخۇم سەي گومەن چۆپ لەغمىنى تەييارلاش
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 184518:ئادەم ئۆگەندى
   ئۈچىنچى ئاي كىرگەندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر گۈرۈچ تاماقلىرىنى ياقتۇرۇپ يىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، تۇخۇم سەي قورۇپ گومەندە چۆپ پىشۇرۇپ لەغمەن تەييارلاپ سىناپ بېقىڭ! ئىشتىھايىڭىزدىن ئۆزىڭىزمۇ ھەيران قالىسىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: گومەن، سەۋزە، كەرەپشە، قارا قېرىنقولاق، پىياز، تۇخۇم، كىراخمال، ئىستېمال مېيى، تۇز، سېرىق پۇرچاق قىيامى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   قارا قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرگەندىن كېيىن، ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ سەۋزە، كەرەپشە قاتارلىق كۆكتاتلارنىمۇ ئۇششاق چاناپ توغرايمىز. ئەلۋەتتە، كەرەپشە بىلەن سەۋزىدىن باشقا، بامبۇك نوتىسى، پۇرچاق، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
   تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز.
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، تۇخۇمنى سېلىپ قورۇپ قاتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىۋالىمىز.
   قازانغا قايتىدىن ئازراق ماي قۇيۇپ، پىياز بىلەن بىر قىسىم كەرەپشە ۋە سەۋزىنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، پۇرچاق قىيامىنى سېلىپ قورۇپ تەمىنى چىقىرىمىز.
   قالغان كۆكتاتلارنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئالدىدا قاتۇرۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چىنە سوقۇشۇپ نەچچە مىنۇت قاينىتىمىز.
   تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەپ، كىراخمال قوشۇپ قۇيۇقلۇقنى ئاشۇرۇپ قاينىتىپ، قىيام ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، گومەننى سېلىپ پىشۇرىمىز؛ گومەن پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇدىن ئۆتكۈزىمىز.
   گومەننى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە قورۇپ تەييارلىغان سەينى ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号