قوناق ئۇنىدا بولكا پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 76246:ئادەم ئۆگەندى
   نۇرغۇن كىشىلەر يىرىك ئاشلىق يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى يىرىك ئاشلىق ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق؛ لېكىن، ياخشى تەييارلىيالمىساق تەمسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قوناقنىڭ يېڭىچە تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: بەش تال تۇخۇم، بىر خالتا سۈت، 350گىرام قوناق ئۇنى، 150گىرام ئاق ئۇن
تەييارلاش ئۇسۇلى
   تۇخۇمنى بىر چىنىگە چېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ داسقا كالا سۈتى قوشۇپ، 5گىرام ئېچىتقۇ قوشىمىز.
   ئۈستىگە قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قوشۇپ، بىر قوشۇق ئاق شىكەر قوشىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ يۇغۇرىمىز.
   خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىنى يېڭى ساقلاش پىلاستىرىدا يۆگەپ، ئىسسىق جايدا قويۇپ ئىككى سائەت كۆپتۈرىمىز.
   خېمىر كۆپۈپ ئىككى ھەسسە بولغان ۋاقىتتا، ئازراق ئەيلەپ يۇمىلاق ھالەتكە ئەكىلىمىز.
   خېمىرنى دۈملەش قازىنىغا سېلىپ دۈملەيمىز؛ دۈملەش قازىنىغا سالغان ۋاقىتتا، ئەتراپتا يىتەرلىك بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك. چۈنكى، دۈملىگەن ۋاقىتتا خېمىر يەنە كۆپ يوغىنايدىغان بولغاچقا، يان تەرەپتە بوشلۇق قالدۇمىساق، قاينىغان سۇ ھورلىرى ئۈستىگە چىقالماي، خېمىر پىشماي قالىدۇ.
   ئوت يېقىشقا ئالدىرىماي، تۇۋاقنى يېپىپ خېمىرنى يەنە ئازراق كۆپتۈرىمىز؛ ئادەتتە 30-20مىنۇت ئەتراپىدا قويساق بولىدۇ.
   كەينىدىن ئوتنى يېقىپ، 20مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   قازاندىن ئېلىپ سۇۋۇغاندىن كېيىن، كىسىپ پارچىلاپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号