ئالاھىدە چۆپ تەييارلاش ئۇسۇلى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 58688:ئادەم ئۆگەندى

  خام ماتېريالى: قوي گۆشى، غولپىياز، كۆك-قىزىلمۇچ

  تەم خۇرۇچلار: دىلھان ئالاھىدە چۆپ قىيامى، جىياڭيۇ

  تەييارلاش ئۇسۇلى: ئۇنغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 15مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، زوۋۇلنى ياغلاپ، بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز. پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك. پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرىمىز.

  قوي گۆشنى نېپىز توغرايمىز؛ غولپىيازنى نېپىز توغرايمىز؛ كۆك-قىزىلمۇچنى چاسا تۇغرايمىز.(رەسىمدىكىدەك)

  پىلتىنى پىشۇرۇش: قازانغا چۆپ لەيلەپ پىشقۇدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالقان بىلەن بېسىپ ياپىلاق قىلىپ تەكشىلىۋىلىپ ئاندىن ئىككى بىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار-قاتارتىزىلىدۇ. ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ، تەخمىنەن 50-30سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈپ، خېمىرنى قازانغا تاشلاپ تەخمىنەن5~3مىنۇت قاينىتىلىدۇ.

  ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقىۋالىمىز.

  قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئاز مىقداردا ماي قۇيۇپ ماي نورمال قىزىغاندا نېپىز توغرالغان قوي گۆشى سالىمىز؛ قوي گۆشىنى بىرئاز قورىغاندىن كېيىن پىشۇرۇپ ئېلىۋالىمىز. كەينىدىن قازانغا 200مىللىلىتىر ئاش سۈيى(ياكى شورپا) قۇيۇپ، ئۈستىگە 20گىرام دىلھان ئالاھىدە چۆپ قىيامى قوشىمىز.

  كىيىنكى قەدەمدە، غولپىياز، كۆك-قىزىلمۇچ قوشقاندىن كىيىن چۆپنى سېلىپ، ئۈستىگە نەچچە تامچە جىياڭيۇ تېمىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

  ئالاھىدىلىكى: چۆپنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىدىن، ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان بىر خىل يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ قان ئازلىقنى ياخشىلاش، ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۇزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، ئائىلىدە تەييارلاش قولايلىق، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئىستېمال قىلىشتىكى ياكى ئەزىز مېھمانلىرىڭىزنى كۈتىۋىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号