گەنبىيەن سومىيەن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تائاملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە پەمىدۇر كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، رەڭگى ۋە تەمى ئوخشاشلا ياخشى. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، گەنبىيەن سومىيەننى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: ئۇن، قوي گۆشى، ئىستىمال مېيى، توخۇ تەم جەۋھىرى، پەمىدۇر قىيامى، جىياڭيۇ، زەنجىۋىل، سامساق، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن تالقىنى، قاقمۇچ، پىياز
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. كېتەرلىك ماتېرىياللارنى تەييارلىۋالىمىز.
2. مۇۋاپىق مىقداردا خېمىر يۇغۇرۇپ، يېرىم سائەت قويۇپ تىندۇرغاندىن كېيىن، بىر قانچە پارچىگە بۆلۈپ لەغمەن جىيزىسى تەييارلايمىز.
3. پىيازنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ كەرەپشىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭمۇ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
4. قوي گۆشىنى كىچىكرەك ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
5. قاقمۇچنى بەلگىلىك ۋاقىت سۇغا چىلاپ قويغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغراپ تەييارلايمىز؛ سامساق ۋە زەنجىۋىلنىمۇ ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
6. خېمىرنى تارتىپ ئىنچىكە ھالەتكە ئەكىلىمىز.
7. قازاندا سۇ قاينىتىپ، تارتىپ تەييارلىغان خېمىرنى سېلىپ پىشۇرىمىز.
8. لەغمەن ئاشنى سۈزۈپ، سۇدا بىر چايقاپ سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئازراق مايدا مايلاپ، چاپلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
9. توغرالغان قوي گۆشىنى چىنىدىن بىرگە سېلىپ، ئۈستىگە لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، كاۋاۋىچىن تالقىنى، تۇز، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق ۋاقىت قويۇپ قويىمىز.
10. قازاننى ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، گۆش سارغايغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىۋالىمىز.
11. قازاندا قالغان مايغا زەنجىۋىل بىلەن قاقمۇچنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن تەرتىپ بويىچە پىياز ۋە چىڭسەينى سېلىپ قورۇيمىز.
12. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر قىيامى قوشۇپ قورۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئالدىدا قورۇپ ئېلىۋالغان قوي گۆشىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز سېلىپ تەم تەڭشەيمىز.
13. سۈزۈپ ئېلىپ قويغان لەغمەن ئاشنى قازانغا سېلىپ، قورۇيمىز(لەغمەن ئاشنى قورۇش جەريانىدا چۆمۈچتىن پايدىلىنىپ كىسىپ قىسقىراق ھالەتكە ئەكەلسىڭىز ياكى قازانغا سېلىپ قورۇشنىڭ ئالدىدا پىچاقتا كىسىپ قىسقا ھالەتكە ئەكىلىۋالسىڭىز بولىدۇ)؛ ئاخىرىدا، ئازراق توخۇ تەم جەۋھىرى بىلەن توغرالغان سامساقنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.