گۆشنان تەييارلاش ئۇسۇلى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 58841:ئادەم ئۆگەندى

  خام ماتىريالى: ئۇن 1چىنە، تۇخۇم 1دانە،  سۇ ماي، سىمىز قوي گۆش، باش پىياز

  تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، ئاقمۇچ، قارا مۇچ، زىرە، كۈنجۈت

 تەييارلاش ئۇسۇلى: خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرىمىز.ئىككى دانە زۇۋۇلا تەييارلاپ تىندۇرۇپ قويىمىز. گۆشنى ئۇششاق توغراپ باش پىيازنى چاناپ يۇمشىتىپ تۇز، ئاقمۇچ، قارا مۇچ، زىرە قوشۇپ تۇز تەمىنى تېتىپ قىيمىسىنى تەييارلىۋالىمىز. زۇۋۇلىنى نېپىز يېيېپ ئارىسىغا گۆش سېلىپ ئوخشاش يەنە بىر يېيىلغان خېمىرنى ئۇستگە يېپىپ سىرتىدىن ئىچىگە تۈرىمىز.


     



پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ بوشراق قىزىغاندا تەييارلانغان گۆشناننى چويلىغا سېلىپ مايغا چىلىۋەتمەي ئۈستىدىن قىزىق ماينى قۇيىمىز بۇنداق قىلغاندا گۆشنان كۆيۈپ كەتمەي سۈپەتلىك بولىدۇ.


كېيىن ئاستا – ئاستا ياغقا چۆكۈرىمىز. گۆشنان سارغۇچ ھالەتكە كەلگەندە ئۇستىگە تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى سۇركەپ كۈنجۈت سىپىپ مايغا قايتا سالىمىز.شۇ ھالەتتە رەڭگى قىزغۇچ بولغىچە  پىشۇرساق بولىدۇ .


 

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号