كۆك تۈگرىسى(جۇۋاۋا)
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 59321:ئادەم ئۆگەندى

خام ماتىريالى: ئاق ئۇن، بېدە، كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي. 


تەم خۇرۇچلىرى: تۇز

تەييارلاش ئۇسۇلى:خېمىرنى چىڭ  يۇغۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. 


بېدىنى پاكىز ئادالاپ يۇيۇپ تازا يۇمشاق چانايمىز. ئۇنىڭغا يېتەرلىك تۇز، قوي ماي سېلىپ مىجىيمىز. قوي ماينىڭ تېتىغانلىغىنى بىلىش ئۈچۈن، قىيمىنىڭ ھالىتىگە قارايمىز. قىيما چېچىلماي تىك ھالەتتە تۇرىشى لازىم. چۈنكى بېدىنىڭ تەبىئىيىتى بەك سوغاق بولغىنى ئۈچۈن، قويماينى ئارتۇقراق سالمىساق ، ھەم تەمسىز، ھەم بەكلا سوغاققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ.  يۇغۇرۇپ تەييارلانغان خېمىرنى نېپىز يېيىپ توت چاسا(يۇمىلاق) كىسىپ تەييارلىۋالىمىز.تەييارلانغان جىلىت ئىچىگە مۇۋاپىق قىيما ئېلىپ تۈگرە تۇگىۋالىمىز(رەسىمدىكىدەك)





پىشۇرۇش ئۇسۇلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن تەييارلانغان تۈگرەنى قازانغا سېلىپ قاينىغاندا ئوت كۇچىنى نۇرمال قىلىپ 5~8 مىنۇت ئاتىراپىدا قاينىتىپ تەخسىگە سۇزۋالىمىز. ئۆز ئىستىمالىمىزغا ئاساسەن ،ئۆز پېتى، ئەتكەن قىزىلمۇچ ،ئاچچىقسۇ، كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلسىڭىز بۇلىدۇ.


ئالاھىدىلىكى: كۆك تۈگرىسنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىگە بىر خىل كۆكلەم تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئەتىيازدا مىجەزنى تەڭشەيدۇ، قاننى تازىلايدۇ. ئومۇمەن سالامەتلىككە پايدىلىق. بەزىلەر گۆش قوشۇپمۇ ئېتىدىكەن. بىراق نەق ئۆزىنىڭ تەمى بىلەن يىگەن ياخشى. ئۆزىڭىز خالىغاننى قىلىڭ!

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号