بۇ تائامنى سىرتتا تاپالمايسىز، ئۆيدە سىناپ بېقىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 67033:ئادەم ئۆگەندى
   تۈگۈپ ئېشىپ قالغان بەنشىر ياكى چۆچۈرە جىلتىنى ئازراق تارتىشتۇرۇپ شەكىلگە ئەكىلىپ پىشۇرسىڭىز، تەمىنى ئۇنتىيالمىغۇدەك دەرىجىدىكى بىر قاچا چۆپ تەييارلىيالايسىز. خېمىر يۇغۇرۇش كەتمەيدۇ، ۋاقىت ھەم كۈچ تىجىلىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   بەنشىر جىلتى 250گىرام، يۇبەسەي
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، قىزىلمۇچ ئۇنى، ئاق شىكەر، كۈنجۈت مېيى، تۇز، كۈنجۈت، غولپىياز مايسىسى، سامساق چانالمىسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-

   بەنشىر جىلتىنى ئوتتۇردىن قاتلىغاندىن كىيىن سوزۇپ ئۇزۇن چۆپ ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛
   قازان ئېسىپ سۇ قۇيۇپ، چۆپنى يۇبەسەي بىلەن بىللە سېلىپ قاينىتىپ، بىر مىنۇت ئەتراپىدا پىشۇرىمىز؛
   پىشقاندىن كىيىن سۈزىۋىلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزىمىز؛
 
-2-

   چۆپ بىلەن كۆكسەينى قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە 30گىرام شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، 20گىرام ئاچچىقسۇ، 10گىرام كۈنجۈت مېيى، 3گىرام ئاق شىكەر، 3گىرام قىزىلمۇچ ئۇنى، سامساق چانالمىسى، كۈنجۈت قاتارلىقلارنى قوشىمىز؛ بۇندىن باشقا يەنە ئازراق غولپىياز مايسىسى چانالمىسى سېپىۋەتسەكمۇ بولىدۇ.
 
-3-
   ئاخىرىدا ئۈستىگە قىزىتىلغان ماي قۇيىمىز
   بۇ ۋاقىتتا ماتىرياللارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)

كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن) 汤面 خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي) تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خ

جۇۋاۋا قىيمىسى تۇرۇپتىمۇ ئوخشايدۇ، ئىشەنمەي قالماڭ!

تۇرۇپنىڭ باھاسى گەرچە ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، كونىلارنىڭ "قى

مەن ئىجاد قىلغان بويتاقلار تامىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ

ئىنتايىن تەملىك بولغان يېڭىچە بىر قورۇما چۆپ

ھەپتە ئاخىرىدا بىر چىنە ھاردۇق ئېشى ئىچىۋىلىڭ!

ھاردۇق ئېشى، يەرلىك ئالاھىدىلىكتىكى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ رولىنى بېلىۋىلىشقا بولىدۇ. بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلىگەن

جۇسەي تۇخۇم جۇۋاۋىنى يەۋەرمەي، بۇنىمۇ يەپ كۆرۈپ بېقىڭ

جۇۋاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدۇ. جۇۋاۋىنى تەييارلاش ئاددىي ھەم يىيىشلىك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشلىرى ئولتۇرۇپ بىللە جۇۋا

تەييارلاش ئاددىي ئەمما تەمى ياخشى بولغان قولايلىق چۆپ

بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان قولايلىق ئۈگرە چۆپ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قولايلىق تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلى ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号