ياشانغانلار بېلىقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 35061:ئادەم ئۆگەندى
    "ئەنگىلىيە تىبابەت ژورنىلى" خەۋەر قىلغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىشقا چىقىش ياش مەزگىلىدىكى ياشانغان كىشىلەر بېلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، كىسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى %25 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.
ئۇنداقتا ياشانغانلار بېلىق گۆشى ئىستىمال قىلسا، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق كونكىرتنى پايدىسى بار؟
1. ئاسان ھەزىم بولىدۇ
   قوي، كالا گۆشلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بېلىق گۆشى ئادەم بەدىنى تەرپىدىن تېخىمۇ ئاسان ھەزىم قىلىنىپ بەدەنگە سۈمۈرلىدۇ. بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىللارنىڭ تۈزۈلىشى بىرقەدەر يۇمشاق، تالا ماددىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى باشقا گۆش تۈرىگە قارىغاندا قىسقا كىلىدۇ؛ بۇنىڭغا سۇ تەركىبىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قوشۇلۇپ، بېلىق گۆشىنىڭ بەدەنگە سۈمۈرلۈش نىسبىتىنى %96كە يىتىدىغان بولۇپ، ئادەم بەدىنى ئىھتىياجلىق بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى تېخىمۇ ياخشى تولۇقلاپ بىرەلەيدۇ.
2. قاننىڭ ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ
    بېلىق گۆشىنىڭ تەركىبىدىكى ياغلارنىڭ مىقدارى ئەسلىدىنلا تۆۋەن، شۇڭلاشقا باشقا گۆش تۈرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، بەدەنگە سۈمۈرلىدىغان ياغ مىقدارى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. تىببى تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، داۋاملىق تۈردە بېلىق ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قېنىدىكى ماي مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تىز بولۇپ، قاندىكى ماي مىقدارى پەرقى %40كە يىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاننىڭ ماي مىقدارى يۇقىرلاپ كىتىش كىسەللىكى بار بىمارلارغا نسىبەتەن، بېلىقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ نورمال ساغلام ھالىتىنى ساقلاشقا بولىدىكەن.
3. يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق
    بېلىق گۆشى تەركىبىدە DHA ماددىسى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، DHA بولسا -3ω ياغ كىسلاتاسىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ماددا. -3ω ياغ كىسلاتاسىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئادەم بەدىنىدە كۆپ خىل كىسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۋىتىدۇ؛ مەسىلەن قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش، ياللۇغ قاتارلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن، دائىم بېلىق ئىستىمال قىلىدىغان كىشىلەر، يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكلىرى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدۇ.
4. كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق
    بېلىقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقىمۇ پايدىلىق. ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ، بىراق دائىم بېلىق ئىستىمال قىلىشتا چىڭ تۇرغاندا، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ شەكىللىنىدىغان كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
5. قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ
    بېلىق گۆشى تەركىبىدە DHA ماددىسى ئىنتايىن مول؛ بۇندىن باشقا يەنە ۋىيتامىن مىقدارىمۇ مول بولۇپ، بولۇپمۇ ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن B2، ۋىيتامىن E تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى؛ بۇ ماددىلارنىڭ تىرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ يىرىك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داغ-سەپكۈن يوقىتىش، تىرىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىش قاتارلىق رولى بار.
 
   گەرچە بېلىقنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، سالامەتلىككە پايدىلىق بولسىمۇ، بىراق ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى ياكى تەييارلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا بولمايدۇ؛ مەسىلەن، مايدا داغلانغان بېلىق، كاۋاپ قىلىنغان ۋە تۇزلانغان بېلىق قاتارلىقلار سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىش كىرەك.

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号