ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 27811:ئادەم ئۆگەندى

      ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ، مەقەت يېرىلىش ،تۈز ئۈچەي چىقىپ قېلىش قاتارلىقلار ئەگىشىپ كىلىدىغان بۇلۇپ ، ئېغىرراق بولغانلىرى ھەتتا چوڭ ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ؛ بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قەۋزىيەت يەنە " ئۈچ خىل كۆرسەتكۈچى يۇقىرى " بولغان كىشىلەرنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلىتىۋىتىشى مۇمكىن .

      ئۇنداقتا ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟ كىسەللىك ئالامىتى يىنىكراق بولغانلار ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مىجەز تەڭشەش ئېلىپ بارسا ، چوڭ تەرەتنىڭ نۇرمال بۇلۇپ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسى بار !

كۈندىلىك يىمەك ئىچمەك

1.     بەدەنگە تالالىق ماددىلار ۋە سۇ تەركىبىنى كۆپرەك تۇلۇقلاش

       بەدەنگە تالالىق ماددا ۋە سۇ تەركىبى تۇلۇقلاش مىقدارىنى كۆپەيتش لازىم ؛ بۇنىڭدا ھەر كۈنى 35-25گىرامغىچە تالالىق يىمەكلىك يىيىش ، ھەر كۈنى ئاز دىگەندە L2.0-1.5غىچە سۇ ئىچشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .

2.     بەدەنگە مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن يېغى تۇلۇقلاش

      نۇرغۇن ياشانغانلار قاندىكى قەنت مىقدارى ، قاندىكى ماي تەركىبى ۋە قان بېسىمى يۇقىرى كىلىدىغان بۇلۇپ ، بۇ سەۋەبلىك ئادەتتە مايسىز ، يىنىك كەلگەن تائاملارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ ؛ بۇمۇ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ ، چۇنكى ئادەم بەدىنىمۇ مايلارنىڭ سىلىقلاپ تۇرۇشىغا ئىھتىياجلىق بۇلىدۇ . بۇ ھەقتە  بىز يىمەكلىككە زەيتۇن يېغى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز ، بۇنىڭدا ھەم بىۋاستا ئۈچەينى سىلىقلاپ يىمەكلىكلەرنى پارچىلايدۇ ،ھەم ئۈچەينى غىدىقلاپ مىدىرلىتىپ ، قەۋزىيەت ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ .

كۆپ ھەرىكەت قىلىش

       ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرمەسلىك ، ئەتىگەن كەچتە سەيلى قىلىپ بىرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بوغماق ئۈچەينىڭ كىرىلىش كۈچىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىسى بار .ئۇندىن باشقا چوڭقۇر نەپەسلىنىشنىڭ ئۈچەيگە قارىتا ئۇۋۇلاش رولى بۇلۇپ ، بوغما ئۈچەينىڭ كىرىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپۈ ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئاشۇرىدۇ .

چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى

      بوغما ئۈچەي ئەتىگەن ئەمدى ئورنىمىزدىن تۇرغان ۋە تاماق يەپ بولغاندىن كىيىنىكى ۋاقىتتا ئەڭ ھەرىكەتچان بۇلىدۇ ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن ياكى تاماق يەپ بۇلۇپ 2سائەت ئىچىدە چوڭ تەرەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز ؛ چوڭ تەرەت قىلغاندا بولسا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشى ، سىرتقى ئامىللارنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ، گىزىت كۆرمەسلىك ياكى كۆپ ئويلانماسلىق لازىم .

       ئەمما دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى ، يۇقىرى قان بېسىمى كىسىلى بارلار ، چوڭ تەرەت قىلغاندا ئىجىقلاپ كۈچىمەسلىكى كىرەك ، بولمىسا مىڭە قان نوكچىسى  پەيدا قىلىشى مۇمكىن .

پەللىلەرنى ئۇۋلاپ بىرىش

1.     قورساق قىسىمدىكى داجۈي پەللىسىنى ئۇۋلاش

     داجۈي پەللىسى كىندىكنىڭ ئۈچ بارماق تۆۋىنى ۋە بەدەن ئالدى تەرەپ ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئۈچ بارماق يېنىدىكى ئۆز ئارا سىممىتىرىك كەلگەن ئىككى پەللە بۇلۇپ ، بۇ پەللىنى ئۇلاپ بەرگەندە قەۋزىيەتنى پەسەيتىشكە ياردىمى بۇلىدۇ .

      ئۇۋلىغان ۋاقتىمىزدا ئوڭدىسىغا يېتىپ تۇرۇپ ، تىزىمىزنى ئازراق ئىگىمىز ؛ ئىككى قولىمىزنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىدا ئايرىم ئايرىم ھالدا ماس تەرەپتىكى پەللىنى ئۇۋلايمىز ، بىرتەرەپتىن قورسىقىمىزنى كۆپتۈرۈپ بىر تەرەپتىن باسىمىز ؛ قايتا-قايتا 6-5قېتىم ئىشلەيمىز .

2.     تاپىنىمىزدىكى تەيبەي پەللىسىنى ئوۋلاش

       پۇتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پۇت چوڭ بارمىقىمىزنىڭ بۇغۇمىدىكى سىرتقا چىقىپ تۇرىدىغان قىسىمنىڭ ئارقا كەينى تەرىپىدىكى تەيبەي پاللىسىنى ئۇۋلاشنىڭ قەۋزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىسى بار .

ئۇۋلىغان ۋاقىتتا ، بىر پۇتىمىزنى تۈز سۇنۇپ ئولتۇرۇپ ، يەنە بىر پۇتىمىزنى تۈز سۇنغان پۇتىمىزنىڭ تىز قىسمىغا ئېلىپ ، بىر قولىمىزدا ھوشۇقىمىزنى مىدىرلاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن چىڭ تۇتۇپ ، يەنە بىر قولىمىزنىڭ باش بارمىقىدا تەيبەي پەللىسىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ ، پۇت ئۇچىدىن ھوشۇققا قارىغان يۈنىلىشتە ئاستا ئىتتىرىپ بىرىمىز ؛ ھەر قېتىمدا 6-5نۆۋەت قايتا قايت ئىشلەيمىز .

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :

       ناۋادا قەۋزىيەت داۋاملاشقان ۋاقىت ئۇزۇن ياكى كۆرۈلگەن ئالامەتلەر نىسبەتەن ئېغىر بولسا ، تىزدىن دوختۇرخانىغا بېرېپ كۆرسىتىپ ، كەسپى دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى ، كىسەلنىڭ يەنەبىر قەدەم ئېغىرلاپ كىتىشىدىن ساقلىنىشى لازىم. 

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

 

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

ياشانغانلارنىڭ يارىسىنىڭ ئاستا ساقىيىشىدىكى سەۋەب

رۇسىيە «ۋىستا» ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار ئادەم يېشىنىڭ قانچە چوڭايغانسېرى يارىسىنىڭ شۇنچە تەست

ياشانغانلار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كىرەك ؟

ياشانغانلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى بارغانسىرى ئاجىزلايدىغان بۇلۇپ ، ئاسانلا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالىدۇ ؛ بەزىدە قەۋزىيەتكە بۇۋاسىر ،

قوشۇمچە يېمەكلىك ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياشانغانلار ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن باشقا، يەنە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سالامەتلى

ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى

1. كېسەللىك تارىخى ئادەتتە جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ، ئەقىلىي ئەمگەك قىلغۇچىلاردا سۆڭەك شالاڭلىشىش

ياشانغانلاردىكى باش ئاغرىقىنىڭ تۆت خىل ئاساسلىق سەۋەبى

باشنىڭ ئاغرىقى ئۇزاققا سوزۇلسا، بولۇپمۇ ياشانغانلاردىكى زۇكام تېگىش، قىزىش، ئەزالاردىكى كېسەللىكتىن ياكى چوڭ مېڭىدىن كېلىپ چىققان باش

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر

ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ئىشتىھاغا ئاساسەن كېسەللىككە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ ئۇشتۇمتۇت ئىشتىھا تۇتۇلۇپ، تاماق يېگۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号