بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئاياللارغا بەخىت بىرەلمەيدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6779:قېتىم كورۇلدى
    "بەزىدە مۇھەببەتمۇ بىر خىل ئازاپ ھىسابلىنىدۇ؛ شەپقەتسىز كىشىلەر باشقىلارنى ئازاپلاشنى تاللايدۇ، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بولسا ئۆزىنى ئازاپلاشنى تاللايدۇ. كۆزۈمنى يۇمسام ئۇنتۇپ كىتەلەيمەن دەپ ئويلايدۇ، ئەمما كۆزىدىن ياشلار ئاققۇزسىمۇ ئۆزىنى ئالدىيالمايدۇ. مۇھەببەت ئايرىلىش ۋاقتىدا ئاندىن قەدىرلىك بىلىنىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئالدىدىكىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ؛ پەقەت ئۇنى يوقاتقان ۋاقىتىدىلا ئاندىن ئەڭ تۇنۇش بولغان شۇ ئادەمنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ئىكەنلىىنى بىلىپ يىتىدۇ."
    ئەر-ئاياللار مۇھەببىتىدە، ئايرىلىش بەزىدە بەلكىم يۈز بىرىشى مۇقەررەر بولغان نەتىجە بولۇپ ھىسابلىنىشى مۇمكىن. كىشىلەر كۆز ئالدىدىكىنى قەدىرلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئۇنى تېخىمۇ قەدىرلىك كۆرسىتىدۇ؛ كىشىلەر بىر-بىرىنى ئازاپقا قويغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ھىس قىلىدۇ ھەمدە ئەسلىدە قانداق ئادەم بىلەن بىرگە بولماسلىقى كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتىدۇ. ئەگەر ئاياللار ئەرلەر تەرپىدىن كۆڭلى ئازار يىسە، ئۇنداقتا ئۇ ئەرنى قايتا ئويلاپ يۈرمەسلىكى كىرەك؛ ئايال كىشىلەر بەك ئاق كۆڭۈل بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك بولۇپ، ئۇنداق ئەر كىشى ھامان سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشى مۇقەررەدۇر. ئاياللار مۇھەببەت جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىرى  بولغان ئەرلەردىن ئىھتىيات قىلىشى كىرەك، چۈنكى بۇنداق ئەرلەر سىزنى ۋەيران بولۇش گىردابىغا قىستايدۇ ھەمدە سىزگە ئەسلا بەخىت ئېلىپ كىلەلمەيدۇ؛ ئۇلار سىزنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئالدىشىڭىزغا ھەم ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.
 سىز بىلەن توي قىلىشنى خالىمايدىغان ئەمما سىز بىلەن بىللە بولسام دەيدىغان ئەرلەر
    ئەگەر ئەركىشى سىز بىلەن توي قىلغۇسى بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا سىز بىلەن بىرگە بولىمەن دىسە، بۇ ئۇنىڭ سىزگە چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلمايدىغىنىنى ئىسپاتلايدۇ. سىز ئەگەر ئۇ ئەر كىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى ئىنىق بىكىتەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئۇ ئەركىشىنىڭ سىزنى ئىزچىلى تۈردە خورىتىپ بوزە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز مۇشۇنداق ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان كىلەمدۇ؟ سىزمۇ ئەستايىدىللىقنى تاشلاپ قويماسلىقىڭىز كىرەك.
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما سىزگە مەسئۇل بولۇشنى خالىمايدىغان ئەر كىشى
    ئەرلەر ئاياللارغا خالىغانچە ئايرىلىپ كىتەيلى دىمەسلىگى ھەمدە ئاياللارغا ئۆزىنى ناچار ئەر كىشىدەك ھىس قىلدۇرۇپ قويماسلىقى كىرەك؛ بۇنداق بولمىغاندا بۇ ئەر كىشىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئىتىبار بەرمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەرىبىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق ئەرلەر ئەزەلدىن سىزنى ئازاپقا قويۇشنى ھېچ ئىش ئەمەس دەپ قارايدۇ؛ بۇنداق بولغان ئىكەن، سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولمىسىڭىز زادى بولمايدىغانغا قانداق ئاساسىڭىز بار؟ بۇنداق ئەركىشى سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ، ئەمما سىزگە مەسئۇل بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەرلەر ھەرگىز سىزنىڭ ئىرىڭىز بولالمايدۇ، ئۇلار سىزنىڭ يۈكىڭىز بولۇپ قالىدۇ.
سىزگە راست گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان، ئەمما ھەمىشە ئۆزىنى سەمىمىي دەۋالىدىغان ئەر كىشى
   ئەر، ئاياللار مۇناسىۋەت ئورناتقاندا، ئەرلەر ئاسانلا ئاياللارنى ئالدايدۇ؛ ئاياللارنى ئاسانلا ئۆزىگە ئاشىق-بىقارار قىلىپ قويغاندىن كىيىن، ئۇلارنى تاشلىۋىتىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەببەتكە تۇتقان پۇزۇتسىيىسىدە ئەسلىدىنلا ناھايىتى زور پەرق بار بولغانلىقىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ئاياللار بەخىتلىك ھەم خوشال ئۆتىمەن دەيدىكەن، ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماسلىقى كىرەك؛ سىز ئۇنداق ئەر كىشىگە، سىزنى خالىغانچە ئازاپقا قويسا، سىزگە يۈك بولىۋىلىپ سىزنى تۈگەشتۈرىمەن دىسە ھەرگىز بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىشىڭىز كىرەك. سىزنىڭ تاللىغان ھەمراھىڭىز ئازدۇر-كۆپتۇر سىزگە تايانچ بولالايدىغان ئەركىشى بولۇشى كىرەك، ھەرگىز سىزدىن ئايرىلىپ كىتىشى مۇقەررەر بولغان يۈك بولماسلىقى كىرەك.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号