ئەر-خوتۇنلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ ئىشلارنى قىلسا....
ئىككى ئادەمنىڭ بىرگە بولۇپ، نىكاھىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، بەلگىلىك دەرىجىدە زىھنىنى سەرپ قىلىشى، قارشى تەرەپنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى لازىم بولىدۇ. مۇھەببەت، ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ تۇرغان ۋاقىتتا تېخىمۇ شىرىنلىككە ۋە ئىناقلىققا تولىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ ئۆز-ئارا تۇنۇشۇپ، مۇھەببەتلىشىپ، ئاخىرىدا نىكاھ تۇرمۇشىغا قەدەم قويمىقى ئاسانغا توختىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىللە بولغان ۋاقىتلارنى ياخشى قەدىرلىمەك لازىمدۇر؛ ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، شىرىنلىككە تولىدۇ.

1. ئۆز-ئارا بىر بىرىنىڭ بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ، بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقنى تۈگىتىش
ھازىرقى ياشلار بىر كۈننىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئالدىراش خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، بىر كۈننى تۈگەتكەندىن كىيىن چوقۇم ھېرىپ-چارچاپ كىتىدۇ. ئۇنداقتا كەچلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى ئەڭ ئازادىلىككە تولغا ۋاقىت بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۆز-ئارا مۈرىلىرىنى تۇتۇپ، ياكى بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ بىرىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بىرىشكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بەرسە، قارشى تەرەپ تەبىئىلا كۆڭلى خوشال بولۇپ كىتىدۇ. ئۇخشاشلا، قارشى تەرەپ سىزنىڭ كۆڭۈل چۈشىنىدىغان، كۆيۈمچان ھىس قىلىپ، سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

2. بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى قارشى تەرەپكە سۆزلەپ بىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش
كۆپ قىسىم ئەر، ئاياللار ھازىر مۇستەقىل كىلىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىگىلىكى ۋە خىزمىتى بولىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك كۈندۈزلۈك ۋاقتىنى چوقۇم ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ ھەمدە ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدا ئاساسى جەھەتتىن پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا كەچلىك ئارام ۋاقتى ئىككەيلەننىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا كەچلىرى يېتىشقا تەييارلانغاندا، ئىككەيلەن ئۇخلاشتىن ئاۋال كارۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ، كۈندۈزى يۈز بەرگەن بەزىبىر قىزىقارلىق ئىشلارنى قارشى تەرەپكە سۆزلەپ بەرسە، قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى ھىس قىلدۇرسا، بۇ ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر قارشى تەرەپمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغۇچى بولۇپ، سۆيگۈنىنىڭ بېسىملىرىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشىپ بەرسە، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا مەسلىھەت كۆرسىتىشىپ بەرسە، بۇمۇ بىر خىل بەخىتلىك ئىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

3. قارشى تەرەپنى چىڭ قۇچاقلاپ، قۇچاقلىشىپ يېتىپ ئۇخلاش
ئاياللار ئادەتتە تۇغۇلما بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل كىلىدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتتا ئەرلەر ئايالىنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ يىتىشى، ئايالى يېقىنراق تۇرۇشنى ئويلىغاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئارلىق ساقلىماسلىقى كىرەك. ھەر كۈنى ئايالىنى قۇچاقلاپ ئۇخلىسا، بۇ ئايالىغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بىرىدۇ. ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى قۇچاقلىشى بولسا، ئىرىگە ئىلھام بىرىشى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. قۇچاقلىشىشى ئىككى قەلىبنى يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىللىقلىقى ۋە مەۋجۇتلىقىنى ھەممىدىن بەك ھىس قىلالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپكە قۇچاقلاشنى كۆپرەك بەرسىڭىز، ئىككىڭلارنىڭ مۇھەببىتى بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ.