بىر كۆرمەك تەس بولغان قىممەتلىك سۈرەتلەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6804:قېتىم كورۇلدى
    بەزىلەر، ۋاقىت ئادەمنى ئۈن-تىنسىز ھالەتتە سوتلىغۇچى دىيىشىدۇ؛ نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىمە خاتىرلەر باشتىن ئۆتكەندىن كىيىن، يىللار قوينىدا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ.
    دۆلىتىمىز قوينىغا قايتىپ كىلىشتىن ئىلگىرىكى شىياڭگاڭ، لى جىياچىڭ ۋە باشقا بەش نەپەر جۇڭگۇلۇق سودىگەرلەر تەيپىڭشەن تېغىدا جەم بولغان. كىيىنچە بۇ سۈرەتتىكى ھەر بىر ئادەم، بىردىن سودا ئىمپىريسىى بەرپا قىلغان.
    1969-يىلى، ئەمدىلا ئالى  مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھىلارى.رودىمىل؛ توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇ ھەممىگە تۇنۇشلۇق ھىلارى.كىلىنتونغا ئايلانغان.
    20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىلا، نىيۇرۇكتا تىك شەكىللىك ماشىنا توختىتىش مەيدانى پەيدا بولغان بولۇپ، يىتەكچى ئىدىيىسى ھازىرقى ستىرىئولۇق ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرىدىن قېلىشمايدۇ.
    1928-يىلى، ھوللىۋود دەسلەپكى كىنو-فىلىم دەۋرىدە، كىنو-فىلىم باشلىنىشىدا چىقىدىغان شىر سۈرىتىنى، فوتوگىرافلار تىرىك شىرنى تۇرغۇزۇپ قويۇپ، يېقىن ئارلىقتىن سۈرەتكە ئالغان.
    1974-يىلى جۇڭگو چامباشچىلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئامىرىكىغا زىيارەتكە بارغاندا، كىسسىنگىر قىزغىن ھالدا بالىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن؛ سۈرەتتىكى كىسسىنگىر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى لى لىيەنجې
    14ياشلىق بېكىنھام مانچىستىر كاماندىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ، كىچىكىدىنلا ھاياتلىقتا غەلبە قازانغۇچىغا ئايلانغان.
    1979-يىلى، ئوبامانىڭ مەكتەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىدىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى.
    1991-يىلى، جوبىس بىلەن بىل.گايتىس، بىز ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتىرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشىۋاتىدۇ. جوبىس ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، بۇ سۈرەت ئۇلارنىڭ بىردىنبىر خاتىرسى بولۇپ قالغان.
   1994-يىلى، بىل گايتىس كەپسىز بالىلارغا ئوخشاش، 330مىڭ ۋاراق قەغەزنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرغان؛ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ، ئۇ دۇنيا خەلقىگە، ئۇنىڭ قولىدىكى ئوپتىك دىسكىغا خاتىرلەشكە بولدىغان مەزمۇن، 330مىڭ ۋاراق قەغەزگە خاتىرلەنگەن مەزمۇندىنمۇ ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىدى. كىيىن، ئۇ ھەقىقەتەن دۇنيانى ئۆزگەرتتى.
   ئېينىشتىيىن، ئۆزگىچە ساپماكەش
    1929-يىلدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى
    چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈي زامانىسىدىكى پاسپورت
    1913-يىلدىن 1934-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، يېراق شەرق خەلقئارالىق تەنھەرىكەت يېغىنىدا، جۇڭگو پۇتبول كوماندىسىغا ھېچقايسى دۆلەت تەڭ كىلەلمەيتتى. 21- يىل ئىچىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئارقىمۇ-ئارقا 9 قېتىم چىمپىيون بولغان.
    چىڭ سۇلالىسى ئاخىرقى يىللىرىدا سىشى خان ئانىسىنىڭ ئوردىدىن چىقىپ سەيلە قىلغان ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرىتى
    ئاخىرقى پادىشاھ فۇيىنىڭ، فۇشۈن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا تەبىيىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە چۈشكەن سۈرىتى.
    ياۋمىڭنىڭ كىچىك ۋاقىتتىكى سۈرىتى
    كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مايۈن، نەچچە ئون يىلدىن كىيىن، نەچچە مىليارد ئادەمنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەتىۋىتىشىنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولغىيدى.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号