ئۆلۈۋالماقچى بولغان ئايال ئانىسى بىلەن قىزىنى تەڭ ھالاك قىلدى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7293:قېتىم كورۇلدى
     يېقىندا، روسىيىدىكى گىلازوف دەيدىغان كىچىك بازاردا ئېچىنىشلىق بىر تىراگىدىيە يۈز بەردى. 35 ياشلىق بىر ئايال ئەمدىلا 8 ياشقا كىرگەن قىزى بىلەن بىللە بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان؛ بۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ئايالنىڭ 55ياشقا كىرىپ قالغان ئانىسى، قىزى بىلەن نەۋرىسىنى تارتىۋالماقچى بولغان؛ بىراق بەخىتكە قارشى، موماي قىزى بىلەن نەۋرىسىنى قۇتقۇزىۋالالمايلا قالماي، ئۆزىمۇ ئانا بالا ئىككەيلەن تەرپىدىن تارتىلىپ بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، موماي، ئانا، نەۋرە، ئۈچ ئەۋلاد ئۈچ ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.
    كۈندىلىك پوچتا گىزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولغان ئايالنىڭ ئىسمى ئەننا.بولىننا، 8 ياشلىق قىزىنىڭ ئىسمى ۋىكا، 55ياشلىق ئانىسىنىڭ ئىسمى بولسا ئېلىننا ئىكەن.
    بۇ تىراگىدىيەنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىكەن:
    ئىككى يىل ئىلگىرى، ئەننا ھازىرقى ئىرى ئارىكىش بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، ئىككەيلەن مۇھەببەتلىشىپ بىر ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. ئەننا بىر بويتاق ئايال بولۇپ، 8 ياشلىق ۋىكا ئۇلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى. گەرچە ئارىكىشنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ئەمما ئەننا ئانا-بالىنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەر ھالدا ياخشى ئىدى.
   ئۇلارنىڭ ياخشى ئەھۋالى ئۇزۇنغا بارمىغان؛ بىر يىل ئىلگىرى ئەننا ئارىكىش ئۈچۈن بىر ئوغۇل بالا تۇغۇپ بەرگەندىن كىيىن، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلىشىشقا باشلىدى، بولۇپمۇ ئەننا بىلەن ئارىكىشنىڭ تۇققانلىرى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسىرى ناچارلىشىپ ماڭدى. ئارىكىشنىڭ ئانىسى بىلەن سىڭلىسى، ئەننانى لاياقەتلىك بىر ئانا ئەمەس، ئارىكىش ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كىتىشى كىرەك دەپ قارايتتى.
    بۇ سەۋەپلىك، ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت، ئەننانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى.
    بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، ئەننا 8ياشلىق قىزى ۋىكانى ئېلىپ، بازاردىكى 12 قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، شۇ يەردىن سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان. ئەننانىڭ ئانىسى ئېلىننا قىزى ۋە نەۋرىسىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىققان بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە ۋىكانىڭ قولىنى تۇتىۋالغان ھەم ئانا-بالا ئىككىسىنى تارتىپ بىخەتەر رايونغا چىقىرۋالماقچى بولغان.
    بىراق ئېلىننانىڭ تىرىشچانلىقى تىراگىدىيەنىڭ يۈز بىرىشىنى توسۇپ قالالمىغان؛ ئەكسىچە، ئېلىننا ئۆزىمۇ ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ تارتىش كۈچىگە بەرداشلىق بىرەلمەي، قىزى ۋە نەۋرىسى بىلەن بىللە، 12 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى تىز سۈرئەتتە نەخ مەيدانغا يىتىپ كەلگەن، ئەمما ئېلىننا قاتارلىق ئۈچەيلەن ئاللىبۇرۇن نەخ مەيداندىلا جېنىدىن ئايرىلغان.
    نۆۋەتتە، بۇ دىلو داۋاملىق تەكشۈرلىۋاتىدۇ. ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەننا ئۆلىۋىلىشنىڭ ئالدىدا بىر پارچە ۋەسىياتنامە قالدۇرغان بولۇپ، ئەمما ساقچى تەرەپ ھازىرچە ۋەسىياتنامىنىڭ مەزمۇنىنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان.
    بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىن، شۇ جايدىكى كىشىلەر ۋە توردىكى تورداشلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان، ھەمدە توردا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ، بۇ ۋەقەدىن قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号