كىملىك نۇمىرىنىڭ ئاخىرقى خانىسى "X" نىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7675:قېتىم كورۇلدى
    كىملىك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىنمۇ بەك مۇھىم، بۇنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككىنچى بىر ئادەمگە ئوخشىمايدىغان كىملىك نۇمىرى بار بولۇپ، ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىملىك نۇمىرىنىڭ ئاخىرقى خانىسىدا "X" ھەرىپى كىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇنىڭ قانداق ئالاھىدە مەنىسى بار؟
    كىملىك ئادەتتە ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە ئادرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، يەنە 18 خانىلىق كىملىك نومىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ 18 خانىلىق كىملىك نومىرىنىڭ ھەرقايسى خانىلىرىنىڭ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇچۇرلىرى بار بولىدۇ.
    بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى ئالتە خانە سان ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەۋەلىك ئۆلكە(ئاپتونوم رايون ياكى بىۋاستە قاراشلىق شەھەر)، شەھەر، ناھىيەلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ بۇنىڭ كەينىدىكى سەككىز خانە سان، كىملىك ئىگىسىنىڭ تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ تۇغۇلغان يىل ئاي كۈنگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سەككىز خانە سانغا ئۇلۇشۇپلا كەلگەن ئىككى خانە سان، ئەينى ۋاقىتتا كىملىكنى تارقاتقان ساقچىخانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
    كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى خانە كىملىك ئىگىسىنىڭ جىنىس ئايرىمىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، تاق سان ئەر كىشىگە، جۈپ سان ئايال كىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر خانە سان بولسا تەكشۈرۈش كودى بولۇپ، بۇ خانە سان ئورنىدا ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كىملىك نۇمىرىدا "X" ھەرىپى كىلىدۇ.
    بۇ يەردىكى "X" ھەرىپى ئەسلىدە 10غا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، كىملىك نۇمىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن 18خانە بولۇشى ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش كودى 10بولغان كىملىك نومىرىنىڭ ئاخىرقى خانىسىغا "X" ھەرىپى 10غا ۋەكىللك قىلىپ قويۇلغان. بۇ يەردە ئېيتىلغان تەكشۈرۈش كودى، ئادەتتە كىملىكنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدا بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن، بۇنداق ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغۇچە، 1دن 9غىچە بولغان سان ئىشلەتسە بولمامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن 10نى ئىشلىتىپ، ئۇنى يەنە ھەرپكە ئالماشتۇرىدۇ، بۇ ئاۋارىلىق ئەمەسمۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، ئاخىرقى خانە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەكشۈرۈش كودى خالىغانچە شەكىللەنمەيدۇ؛ بۇ تەكشۈرۈش كودى، ئالدىنقى 17خانە ساندىن پايدىلىنىپ بىر تۈرلۈك مۇقىم بىكىتىلگەن ھىسابلاشلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ؛ ھىسابلاش ئارقىلىق ئىرىشكەن نەتىجە بولسا 1دىن 10غىچە بولغان سان بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئىرىشكەن تەكشۈرۈش كودى 1دىن 9غىچە بولغان سان بولسا، ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ؛ ئەگەر ئىرىشكەن تەكشۈرۈش كودى 10بولسا، ئۇنداقتا كىملىك نۇمىرى 19خانىغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن كىملىك نۇمىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن 18خانە بولۇشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىرىشكەن تەكشۈرۈش كودى 10نىڭ ئورنىغا "X" ھەرىپى ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇ "X" ھەرىپى—يەنى كىملىك نۇمىرىنىڭ ئاخىرقى خانىسىنىڭ كىملىكنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلگەندىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدە ۋەكىللىك خارەكتىرى ياكى بىلدۈررىدىغان مەنىسى بولمايدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号