1. ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، خوتۇنىغا كۈيۈنۈشتىن باشلىنىپ، ئايالى قېينىنئانىسىغا كۈيۈنۈشتە ئاياغلىشىدۇ.
پەقەت، سىز ئايالىڭىزغا كۆيۈنگەن، ئايالىڭىز سىزنىڭ ئانىڭىزغا كۆيۈنگەن، ئانىڭىز بولسا سىزگە كۆيۈنگەن ئايلانما ئەھۋال ئاستىدىلا، نىكاھنى ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا سىز ئايالىڭىزغا كۆيۈنىدىغان ھالقا كەم بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئانىڭىز سىزگە كۈيۈنىدىغان، ئانىڭىز ئايالىڭىزنى ئۆچ كۈرىدىغان، سىز ئايالىڭىز بىلەن چىقىشالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
خۇددى فېزىكىلىق قانۇنىيەتكە ئوخشاش، ئاكتىپ ئىنىرگىيەنىڭ مىقدارى تۇراقلىق، سىلەر ئۈچ تەرەپ بۆلۈشۈپ ئىشلىتىشىڭلار كىرەك؛ ئەگەردە ئانىڭىز سىزگىلا كۈيۈنۈپ، سىزمۇ ئانىڭىزغىلا كۈيۈنۈپ ئۆتسىڭىز، ئۇنداقتا ئىككىڭلار بىر بولۇپ ئايالىڭىزنى ئالدىغان بولىسىلەر.
سىز ئايالىڭىزغا ئاكتىپ ئىنىرگىيىنى ئۇستاتلىق بىلەن ئانىڭىزنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بىرىشنى ئۆگىتىشىڭىز كىرەك، ئەگەر بۇنى قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئانىڭىز سىزگە بەرگەن ئىنىرگىيىنىمۇ ئەڭ ياخشىسى تاپشۇرۋالماڭ؛ چۈنكى ئۇ سىزگە قانچىلىك ئاكتىپ ئىنىرگىيە بەرگەن بولسا، ئايالىڭىزغا شۇنچىلىك پاسسىپ ئىنىرگىيە بىرىدۇ.

2. سىزنىڭ ھاياتىڭىز ئايالىڭىزنىڭ قولىدۇ.
ئايالىڭىزغا چوقۇم ياخشى مۇئامىلە قىلىشىڭىز كىرەك. چۈنكى ئەگەر بىر كۈنلەردە سىز كىسەل بولۇپ، دوختۇرخانىنىڭ كىسەل كارۋىتىدا ياتقان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى ئۆز قولىدا تۇتىدىغان ئادەم، دوختۇرلارنىڭ بولۇشى ناتايىن، سىزنىڭ يەپ-ئىچىشتە بىللە بولىدىغان دوستلىرىڭىز ئەمەس، سىزنىڭ تۇتىۋالغان ئاشنىلىرىڭىز ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ئايالىڭىزدۇر. پەقەت سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭلا "داۋاملىق قۇتقۇزۇش" ياكى "داۋالاشتىن ۋاز كىچىش" ئوتتۇرسىدا ئىمزا قويۇپ تاللاش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ.

3. ئاياللار سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، سىزگە بالا تۇغۇپ بىرىشنى خالايدۇ.
ئاياللار بالا تۇغۇشنىڭ جاپاسىنى سۆزلىگەنسىرى، ئەرلەر بارغانسىرى ئېشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بالا تۇغۇش جەريانىدىكى ھىس-تۇيغۇلارنى بېشىدىن كەچۈرۈشكە ئامالسىز بولغاچقا، ھەمىشە بىر ئېغىز "باشقىلارمۇ بالا تۇغۇپ ھېچنىمە بولماپتىغۇ، سىزنىڭلا بۇ توغۇرلۇق گېپىڭىز تولا" دەپلا ئېغىزىڭىزنى ئىتىدۇ.
ئاياللار ئەگەر سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇلار سىز ئۈچۈن بالا تۇغۇپ بەرمەيدۇ؛ ئەگەر بالىنى ياخشى كۆرمىسە، قورساق كۆتۈرۈش ۋە تۇغۇت ئازابى تارتىشنى خالىمايدۇ؛ شۇڭا سىزمۇ بۇ خىل مۇھەببەتنى، ئاياللارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ ئويلىۋالماڭ. بالا تۇغۇشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىكىنى، ئايالىڭىزنىڭ قانچىلىك ئاغرىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ شۇڭا ئايالىڭىزغا كۈيۈنۈپ قويسىڭىز نىمە بوپتۇ؟