كۆپلىگەن تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش بارغانسىرى ئاددىيلىققا قاراپ يۈزلىنىدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئارزۇسى ئەزەلدىن ئازلىمايدىغان بولغاچقا، ئەگەر ئاياللار ئىرى تەرەپتىن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقنى تاپالمىسا، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى ئىستەكلىرى كۆپۈپ، توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەتنىڭ ھاياجانلىق تۇيغۇسىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرق، ئاياللار ھېسيات جەھەتتىكى ئىھتىياجغا بەكمۇ ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئۆز جۈپتىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمىسە، ئۇلار بىخەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشەلمىگەندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئاياللار ئەگەر سىرتلاردا ئۆزىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان بىر ئەر كىشىگە ئۇچراپ قالسا، ئاسانلا تەۋرىنىپ كۆڭۈل بىرىپ قويىدۇ.

1. ئىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
كۆڭلىدە باشقا بىر ئەر كىشى بار بولۇپ قالغان ئايال كىشى قانداقمۇ ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلالىسۇن؟ ئەمما ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئۇزۇن مەزگىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن ھەمراھلار بولغاندىكىن، ئۇلار بىۋاستە رەت قىلالماي، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە قارىتا سۇغۇق پوزۇتسىيە تۇتىدىغان، ھەتتا قارشىلىق كۆرسىتىش ئىدىيىسىدە بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىز كەچلىرى ئۇخلاشقا ياتقاندا، ئايالىڭىزنىڭ ھەمىشە سىزگە كەينىنى قىلىپ ياتقىنىنى، سىز ئۇنىڭغا ئۆرۈلۈپ سىزگە قاراپ يېتىشنى ئېيتسىڭىزمۇ ، ئۇنىڭ ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ تەلىۋىڭىزنى رەت قىلسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىز خەتەرلىك ! قارىغاندا ئايالىڭىز تالاغا قاراپلا قالماي، ھەتتا ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كىتىلگەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز بىلەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئايالىڭىز ھەمىشە ھىسياتىنى قوزغىيالماي، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتسە، ياكى ھەر خىل باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، چارچاپ قالدىم ياكى بۈگۈن كۆڭلۈم تارتمايدۇ دىگەندەك گەپلەرنى قىلسا، دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.

2. ئىرىگە تۇتىدىغان پۇزىتسىيىسى ئۆزگىرىدۇ.
ئىلگىرى ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ئاياللار ھەمىشە ئىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن بىرگە تېلىۋىزور كۆرىدۇ، بىرگە ئويۇن ئوينايدۇ. ئەمما ئاياللار تالاغا قاراپ قالغاندىن كىيىن، ئۆيگە قايتىپ كەلسە ئىرىنى كۆرمەسكە سالىدۇ؛ تاماق يەپ بولۇپلا ئۇخلاشقا ياتىدۇ، ئىرى بىلەن كارى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئىرىغا قارىتا ھىسياتى قالمىغان بولىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، ئايالى ئۆيگە كەچ قايتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئىرى ئۇلاردىن سورىسا، ئۇلار دۇدۇقلاپ، ھەر خىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئىرىنى ئالداپ-سىيلاپ ئۆتكۈزۈۋىتىشكە ئۇرۇنىدۇ؛ ئەگەر بەزىدە ئىرى بەكرەك چىڭ تۇرۇپ سورىسا، ئۇلار ۋاقىراپ-جاقىراپ ئىرى بىلەن سوقۇشىدۇ، ئەسلى مەقسەتنىڭمۇ ئايىغى چىقمايدۇ.

3. تېلفون ئالغان ياكى ئۇچۇر كۆرگەن ۋاقىتلىرىدا ئىرىدىن قاچۇرىدۇ.
بۇ ئاياللارنىڭ تالاغا قارىغاندىن كىيىنكى ئەڭ ھالقىلىق ئىپادىسىدۇر. تالاغا قاراپ قالغان ئايال كىشى، ئەگەر ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر ياكى تېلفون كىلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى بېسىۋىتىدۇ ياكى ئاۋازىنى ئىتىۋىتىدۇ؛ كەينىدىن ئۇلار بىر ئادەم ئاشخانىغا ياكى بالكونغا چىقىپ تېلفون ئالىدۇ؛ ئىرىدىن قاچۇرۇپ، ئىرىنىڭ ئالدىدا تېلفون قۇبۇل قىلمايدۇ، ئىرىنىڭ ئالدىدا ئۇچۇر قايتۇرمايدۇ، ئىرىنىڭ ھىسياتىنى ئازراقمۇ ئويلاشمايدۇ.

4. دىققىتىنى يېغالماس بولۇپ قالىدۇ.
ئەگەر ئايال كىشى تالاغا قاراپ قالسا، ھەمىشە بىرنەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ يۈرىدۇ ھەمدە ئىرىنىڭ ئالدىدا ھاڭۋېقىپ، بىر نەرسىنى خىيال قىلىۋاتقاندەك تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىرى ئۇنىڭ باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالغىنىنى بايقايدۇ؛ ئايالى ئىلگىرى كۈلۈشنى ياقتۇرمايدىغان بولسا، ھازىر ھېچ ئىش بولمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن كۈلۈپ كىتىدۇ؛ ئىرى ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسا، ئۇ ھېچنىمە بولمىدى دەيدۇ، ئەمما كۈلكىلىرى ئارىسىدا بىر خىل مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىزلاردەك خىجىللىق تۇيغۇسى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.