تۇغۇت ئوپراتسىيىسىدە بوۋاقنى ئۆلتۈرۈپ قويغان "تەجىربىلىك" دوختۇر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7773:ئادەم ئۆگەندى

    دوختۇرلۇق، دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك بولغان كەسىپلەرنىڭ بىرى؛ چۈنكى ئۇلار كىشىلەرنى كىسەل ئازابىدىن ۋە ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرلارنىڭ ئادەتتە ھەممىسىنىڭ كەسپى ئەخلاقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. بىراق ھەممە ئىشتا ئايرىم ئالاھىدە مىساللار بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا دوختۇرلار ئارىسىدىمۇ تېخنىكىسى ۋە كەسپى ئەخلاقى نارچار بولغان دوختۇرلاردىن بىرەر ئىككىسى چىقىپ قالىدۇ؛ بۇنداق دوختۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت، بىمارلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ۋەيران قىلىش خارەكتىرلىك كىلىدۇ.
    ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان شىنەيدىكى بىر "چولپان دوختۇر"، بىر قېتىملىق ئوپراتسىيە داۋامىدا خاتالىق سادىر قىلىپ، بىر بوۋاقنىڭ بېشىنى تارتىپ ئۈزۈۋەتكەن؛ تېخىمۇ ھەيران قالارلىق بولغىنى، ئۇ ھازىرمۇ شۇ دوختۇرخانىنىڭ "چولپان دوختۇرى" بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ تور بېتىدە ئۇنى "ئىنتايىن مول تەجىربىگە ئىگە دوختۇر" دەپ تۇنۇشتۇرغان.(ئۈستىدىكى سۈرەتتىكى ئايال، بۇ قېتىملىق ھادىسىنى پەيدا قىلغان دوختۇر)
    بۇ قېتىملىق ھادىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنى، بىرىنچى قېتىم ئانا بولغان لاۋرا.گاللازى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بالىسى مۇددەتتىن بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ئەھۋالىغا تەۋە ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىمۇ تەتۈر كىلىپ قالغان ئىدى؛ ئەمما مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئۇنىڭ تۇغۇتىغا مەسئۇل بولغان 43 ياشلىق دوختۇر ۋائىشناي.لاشمان، لاۋرانىڭ قورسىقىنى كىسىپ بالىنى ئېلىشنى رەت قىلىپ، لاۋرانىڭ ئۆزىنىڭ تەبىئى ھالدا تۇغۇشىنى ئېيتقان؛ بىز ئەينى ۋاقىتتا لاۋرانىڭ قانچىلىك دەرىجىدىكى تۇغۇت ئازابى تارتقانلىقىنى تەسەۋۋرۇ قىلىپ يىتىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. ئاخىرىدا لاۋرانىڭ تۇغۇتى قىيىنلىشىپ، بۇ "چولپان دوختۇر" قولى بىلەن بالىنى تارتىپ تۇغۇتقا ياردەملىشىش جەريانىدا، قولى چۈشۈرگەن كۈچنى ياخشى كونتىرول قىلالماي، بوۋاقنىڭ بوينىنى تارتىپ كاللىسىنى ئۈزۈۋەتكەن.(ئۈستىدىكى سۈرەتتىكى ئايال، بۇ قېتىملىق ھادىسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بوۋاقنىڭ ئانىسى لاۋرا.گاللازى)
    بۇ ھادىسىگە قارىتا، ناھاق تۈردە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەتكەن لاۋرا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: " چولپان دوختۇرنىڭ خىزمىتى يەنە داۋاملىشىۋىرىدۇ، ئۇ مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كىيىن يەنە داۋاملىق تۈردە دوختۇرلىقىنى قىلسا بولىۋىرىدۇ، ئۇنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئىلگىركىگە ئوخشاش داۋاملىشىۋىرىدۇ. بىراق مىنىڭ تۇرمۇشۇم مەڭگۈ ئوخشاش بولالمايدۇ، ھازىر مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ۋەيران بولدى دىيىشكە بولىدۇ."
    ھادىسە كۆرۈلگەن دوختۇرخانىنىڭ تور بىكىتىدە، يۇقىردا ئېيتىلغان "چولپان دوختۇر" مۇنداق تۇنۇشتۇرۇلغان: " ئۆتكەنكى نەچچە يىل مابەينىدە، ۋائىشناي.لاشمان نۇرغۇنلىغان سادىق خىرىدارلارغا ئىرىشكەن؛ ئۇ ھەمىشە بىر قانچىلىغان داڭلىق ئەرباپلار، غايىلىك مودىللار ۋە باشقا يۈز-ئابرويلۇق خىرىدارلارنىڭ ئۆز كسىلىنى كۆرۈپ قويۇش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالىدۇ؛ ھەتتا دۆلەت سىرتىدىن كەلگەن بىمارلارمۇ، دائىم دىگۈدەك ئۇنىڭغا كىسەل كۆرسىتىشكە كىلىدۇ."
     نۆۋەتتە، لاۋرا.گاللازى ئەرز-شىكايەت قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. بىز بۇ قېتىملىق ھادىسىنىڭ مۇۋاپىق تۈردە ھەل قىلىشقا ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

بۇ خىل ئسىتاكانلاردا سۇ ئىچسىڭىز زەھەر ئىچكەنگە باراۋەر

سۇ ئىچىش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇپ، سۇ ئىچكەن ئىستاكان، ئىچكەن سۇنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەگەر

گازىر چېقىشقا ئامراقلار كۆرۈپ بىلىۋىلىڭ

گازىر، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىستىراھەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئۆزى كىچىك ئادەتتىكىچە بولغان بىلەن، تەمى خۇمالىق بولغاچقا، ك

سىناق: ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغىنىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ

تۆۋەندىكى تۆت خىل ھالقىدىن قايسىسىنى تاقاشنى ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىسىز؟ ئۆمرىڭىزدە نەچچە قېتىم توي قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ!

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号