ئادەم نىمە ئۈچۈن چۈشكۈرىدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8705:قېتىم كورۇلدى
    "چۈشكۈرۈش" دىگەن بۇ فىزىلوگىيىلىك ھادىسە، بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرىۋالغان يات ماددىلارنى ھەيدەپ چىقىرۋەتكەن ۋاقىتتا كۆرىلىدىغان بىر خىل ئاڭسىز ھالەتتىكى "رىفلىكىس"نى كۆرسىتىدۇ. يات ماددىلار بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرگەندىن كىيىن، بۇرۇن چاپلاشقاق پەردىسى ئۈستىگە جايلاشقان ئۈچ ئاچىماق نىرۋا ئۆپكە نەپەسلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇسكۇللارغا بۇيرۇق يەتكۈزۈپ، كۈچلۈك تۈردە ھاۋا چىقىرىش ئارقىلىق، يات ماددىلارنى "ھەيدەپ" چىقىرۋىتىدۇ؛ بۇ بولسا بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ، بىر خىل "مۇداپىئە خارەكتىرلىك" ئىپادىسىدۇر.  چۈشكۈرۈشنىڭ بەدەن ئورگانىزىمىغا نىسبەتەن زىيانلىق بولغان ماددىلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە ئاكتىپ رولى بار.
 
     قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، نۇرغۇن كىشىلەر "چۈشكۈرۈش"تىن ئىبارەت بۇ ھادىسىنى، ياخشى-يامان بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، يەنە تېخى "بىرەرسىنىڭ سېغىنغانلىقىنىڭ" ياكى "باشقىلارنىڭ شۇ ئادەمنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىۋاتقانلىقى"نىڭ ئىپادىسى دىگەن قاراشلارمۇ بار. ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر يېنىدا بىرەرسى چۈشكۈرسە، چاقچاق قىلىپ يۇقىرىدىكى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويىدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇ قاراشلارنىڭ ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق. يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، چۈشكۈرۈشنى بەدەن ئورگانىزىمىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ؛ مەسىلەن چۈشكۈرۈش زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدىكى ئالامەت، چۈشكۈرۈش بۇرۇن ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقنىڭ ئالامىتى ....دىگەنلەرگە ئوخشاش؛ بۇ سەۋەپلىك، بەزىبىر سالامەتلىكىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان كىشىلەر، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ، ئەمما نەتىجىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەي، ئارتۇقچە قورقۇپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ.
     بىراق، ئەمىلىيەتتە چۈشكۈرۈشنى بەكمۇ بىر "ئېغىر مەسىلە" دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزنىڭ سالامەتلىكىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزىدە ناگاندا نەچچە قېتىم چۈشكۈرۈپ قويساق، بۇنىڭ ھېچۋەقەسى يوق! ئەمما يەنى بەزى ئەھۋاللاردا، چۈشكۈرۈش كىسەللىك بىلەن زىچ باغلىنىشلىق كەلگەن بولىدۇ؛ مەسىلەن چۈشكۈرۈش قېتىم سانى ۋە ئىككى قېتىملىق چۈشكۈرۈش ئوتتۇرسىدىكى ۋاقىت پەرقى ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال بەلكىم كىسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

     كونكىرتلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كىسەللىك سەۋەبىدىن تولا چۈشكۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋال، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت خىل سەۋەپتىن بولىدۇ.
    1. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان زۇكام بولۇپ قالغان كىشىلەر كۆپ چۈشكۈرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل فىزىلوگىيىلىك پائالىيەتنىڭ بۇرۇننىڭ ئىچى قىسمىنى تازىلاشقا پايدىسى بولىدۇ؛ يەنى بۇرۇن بوشلۇقىدىكى يات ماددىلارنى چىقىرۋىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىغا نىسبەتەن ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، زوكام ساقايغاندىن كىيىن، بۇنداق كۆپ چۈشكۈرىدىغان ئەھۋالمۇ يوقايدۇ.
    2. ئاللېرگىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى (رىئاكسىيە خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى) بار كىشلەر بۇرۇن ياللۇغى تۇتقان ۋاقىتتا كۆپ چۈشكۈرىدىغان بولۇپ، ئۇلار چۈشكۈرۈش ئارقىلىق، رىئاكسىيە پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى بۇرۇن بوشلۇقىدىن چىقىرۋىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بۇرۇن ئىچكى قسىمىنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلايدۇ. بۇنداق بىمارلارغا نىسبەتەن، ئادەتتە رىئاكسىيە پەيدا قىلغۇچى مەنبەلەردىن يېراق تۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
    3. قان تۇمۇر تارىيىش خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى بار كىشىلەرمۇ ھەمىشە چۈشكۈرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەپ، ئۇلارنىڭ بۇرۇن قىسمىدىكى قان تۇمۇرلار كىسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، نەملىك دەرىجىسى ۋە تىمپىراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا زىيادە سەزگۈر بولۇپ قالىدۇ؛ بەزىلىرىدە ھەتتا ئاچچىق يىمەكلىكلەر رىئاكسىيە قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ ياخشىلاش ئۇسۇلى بولسا، بۇ خىلدىكى كىشىلەر تىمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولمىغان مۇھىتتا تۇرۇشى ھەمدە ئاچچىق ۋە غىدىقلاش پۇرىقىغا ئىگە يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىشى كىرەك؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىدىكى بۇرۇن ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
    4. غەيرى ئاللېرگىيىلىك بۇرۇن ياللۇغى بار كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان چۈشكۈرۈش. بۇ خىلدىكى بىمارلاردا ئاستا خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى بار بولۇپ، ئۇلاردا ئىنىق بولغان ئانا فىلاكتوگىن بولمايدۇ، ئالاقىدار ئانا فىلاكتوگىن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىمۇ ھەممىسى ئوخشاشلا مۇسپەت قىممەتلىك چىقىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلارغا بىرىلىدىغان تەۋسىيە بولسا، ئاۋال ئاستا خارەكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىتىپ، كىيىنكى ئۈنۈمىنى كۆزىتىشتۇر. 

    ئاممىۋى سورۇنلاردا چۈشكۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئەڭ ياخشىسى قەغەز ياكى قولىمىزدا ئېغىز-بۇرنىمىزنى تۇتىۋىلىپ ۋە كىشىلەر توپىغا كەينىمىزنى قىلىپ تۇرۇپ چۈشكۈرۈش كىرەك. بۇ ئەخلاق-ساپا مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، چۈشكۈرگەندە چىققان چاچراندىلار ئىچىدە كىسەللىك ۋىروسلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولغان بىمارلاردا بۇ خىل ئېھتىماللىق تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئەگەر كىسەللىك ۋىروسلىرى چۈشكۈرگەندىكى چاچراندىلار ئارقىلىق كىشىلەر توپى ئىچىگە تارقاپ كەتسە، باشقا كىشىلەرنىڭ تارقىلىشچان زۇكامغا گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     تارقىلىشچان زۇكامغا ئوخشاش، چۈشكۈرۈش ۋە تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقالغان يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، كۆپچىلىككە ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ چىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ، قولىنى كۆپرەك يۇيىشى، كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرىشى، نىسبەتەن ھىم بولغان بوشلۇق ئىچىدە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ ھەمدە يىڭى مىۋە-كۆكتاتلارنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇپ، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا سالامەتلىكىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئاسراپ، پەسىل ئالماشقان ۋاقىتتىكى يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号