ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىغاندا كۆرىلىدىغان ئىپادىلەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8806:قېتىم كورۇلدى
    ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نىكاھى نامدىلا ساقلىنىپ قالغان؛ ئۇنداقلار كىشىلەر ئالدىدا ناھايىتى ئىناق كۈرۈنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە ناتۇنۇش كىشىلەردەك ھالەتكە كىلىپ قالغان بۇلۇپ، بۇنداق نىكاھنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بالىنى دەپ، بەزىلىرى ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ، نىكاھنى نامدىلا ساقلاپ ئۆتىدۇ.
    تۆۋەندىكىلەر، مۇھەببەت يوقاپ نامدىلا ساقلىنىپ قالغان ئەر خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە كۆرلىدىغان بەش خىل ھالەت بۇلۇپ، ئەگەر سىزدە بۇنىڭ ئىچىدىكى 3خىلى كۈرۈلسە، نىكاھىڭىزنى قانداق بىتەرەپ قىلىش ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىسىڭىز بۇلىدۇ.
1. ئۆز ئارا كۆڭۈل بۈلۈشمەسلىك
    ئەر خوتۇنلا ر، ئۆيدە ئىككىلىسى ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ، قارشى تەرەپ بىلەن چاتىغى بولمىسا، بىربىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسە، ئۇنداقتا بۇ خىلدىكى نىكاھ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بۇلىدۇ. نىكاھ ئەسلىدىنلا ئىككى ئادەم بىرلىشىپ كۈن ئۆتكۈزۈش بۇلۇپ، ئەر خوتۇنلار ئۇزۇن مۇددەت بىر بىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي ئۆتكىنىدە قارشى تەرەپتىن تېخىمۇ زىرىكىپ، ئۆزىگە بىئاراملىق تېپىۋالىدۇ.
2. نۇرمال بولغان ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى بولماسلىق
    ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا بارغانسىرى ھىسيات قالماسلىق قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇق بولغىنى ئىككەيلەننىڭ نورمال ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىمۇ يوق بولۇش. ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدىكى نىكاھ تۇرمۇشىدا بەلكىم مۇھەببەت بولمىسىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن، لىكىن جىنسى تۇرمۇش بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ.
3. بىر بىرىگە ئىشەنمەسلىك
    ئەر خوتۇن ئىككىلا تەرەپ قارشى تەرەپكە ئىشەنمەي، سىرتتا ئاشنا تېپىۋالدىمىكى دەپ گۇمانلىنىش، ئەر خوتۇنلار ئارىسىنى بارغانسىرى يېراقلاشتۇرىدۇ، بىر بىرىنى بارغانسىرى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا ،ئىككى قەلب ھازىر بىرلىككە كىلەلمىگەنلىكتىن، يەنە داۋاملىق بىرگە ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
4. داۋاملىق سوقۇشۇش، ئاستىرتتىن كۈچ سىنىشىشقا ئۆزگىرىش
    ئەر خوتۇنلار بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندە، ئاز تۇلا گەپ تەگىشىپ ئۇرۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بۇلىدۇ، بۇ نۇرمال ئەھۋال؛ ئەمما سىلەر ھەردائىم ئۆزۈڭلارنىڭ پىكىر قاراشلىرىڭلارنىڭ ئوخشىمايدىغانلىغىنى سۆزلەپ تالاش تارتىش قىلساڭلار، كىيىنچە ھەتتا تالاش تارتىش قىلىشنىمۇ خالىماي، ئاستىرتتىن كۈچ ئېلىشىشقا ئۆتۈپ كەتسەڭلار،بۇ ۋاقىتتا سىلەرنىڭ نىكاھتىكى ئارلىقىڭلار ئىنتايىن يېراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. 
5. ئايرىلىپ تۇرۇش
   ناۋادا ئەر خوتۇنلار ھازىر ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان بولسا، بۇ نىكاھىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا ئامال قالمىغانلىغىنى، بۇنىڭ سىلەرنىڭ ھەرئىككىڭلارنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ؛ سىزگە نىسبەتەن قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە ئۆتۈش ئىمكانىيىتى قالمىغان بۇلۇپ، بەلكىم باشقا بىر سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئاجرىشىپ كەتمەي ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ تۇرغان بۇلۇشىڭلار مۇمكىن؛ شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ نىكاھىڭلارنى داۋاملىق ساقلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمىغان بۇلىدۇ.
    ئاخىرقى سۆز : كونىلاردا " ئون بۇتخانىنى بۇزساڭمۇ، بىرنىكاھقا بۇزغۇنچىلىق قىلما " دىگەن گەپ بار؛ بىز بۇ يەردە كۆپچىلىكنى ئاجرىشىپ كىتىشكە ئىلھاملاندۇرماقچى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە بەزى ھىسيات جەھەتتىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچى؛ ئەگەردە نىكاھ ھەقىقەتەن بۇزۇلغان بولسا، داۋاملىق بىرگە بۇلۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. ئەگەر ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ئوخشىمىغان پىكىر قاراشلىرى بولسا، سۆزقالدۇرۇش رايونى ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号