بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلسا قەتئى بولمايدۇ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7881:قېتىم كورۇلدى
    بۈگۈنكى كۈندە ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ساغلاملىقنى ياخشىلاش  بىر خىل مودا ئېقىمىغا ئايلىنىپ قالدى؛ ئەمما ئاچچىقسۇنىڭ ھەممىلا ئادەمگە نىسبەتەن ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار بولىشى ناتايىن بولۇپ، ئاچچىقسۇنىڭ ئەكىس تەسىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. تۆۋەندىكى بەش تۈرلۈك ئادەملەر ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلسا، ھەر خىل شەكىلدىكى بىنورماللىقلارنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلماسلىقى ياكى ئىھتىيات قىلمىقى لازىمدۇر.
1. ئاچچىقسۇ رىئاكسىيە قىلىدىغانلار ۋە قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ.
    ئاچچىقسۇ بۇ خىلدىكى كىشىلەردە رىئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلسا، تىرە تەمرەتكىسى، قىچىشىش، سۇلۇق ئىششىق، زىققا قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى ياكى بىنورماللىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، قان بېسىمى تۆۋەن كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلسا، قان بېسىمى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئادەمدە باش ئاغرىش ۋە باش قېيىش، بەدىنى بوشىشىپ كىتىش قاتارلىق بىنورماللىق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
2. غەرپچە دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    ئاچچىقسۇ، مەلۇم بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل غەرپچە دورا ئىچىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاچچىقسۇ ئادەم بەدىنى ئايرىم قىسىملىرىنىڭ كىسلاتالىق-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەپلىك غەرپچە دورىلارنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئەگەر سىز ھىدرو كاربونات، ماگنىي ئوكسىدلارغا ئوخشاش ئىشقارلىق خارەكتىردىكى دورىلارنى ئىچىۋاتقان بولىسىڭىز، سىز ئاچچىقسۇ ئىچىسىڭىز بولمايدۇ، بولمىغاندا ئاچچىقسۇ بۇ دورىلارنىڭ ئىشقارلىقىنى نىتراللاشتۇرۇپ، ئۈنۈمىنى يوق قىلىۋىتىدۇ.
   ئەگەر سىز خۇڭ مىيسۇ، لىيەن مىيسۇ قاتارلىق ۋىرۇسلارغا قارشى دورىلارنى ئىچىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئاچچىقسۇ ئىچسىڭىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ۋىرۇسلارغا قارشى دورىلار كىسلاتالىق مۇھىتتا تەسىرى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولۇپ، دورا ئۈنۈمىگە تەسىر يىتىدۇ.
3. "ئادەمدىن تەر چىقىرىدىغان" جۇڭگۇ تىبابىتى دورىلىرى ئىچىش مەزگىلىدە ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
   جۇڭگۇ تىبابىتىدە، فۇفاڭ يىن چىياۋ تابلىتكىسىغا(复方银翘片) ئوخشاش تۈردىكى جۇڭگۇ تىبابىتى دورىلىرى كىسلاتا بىلەن ئۇچراشقاندا، بەدەندىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ تارىيىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ؛ ئەگەر بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلسا، ئاچچىقسۇ بەدەندىكى تەر تۈشۈكچىلىرىنى تارايتىۋىتىدۇ ھەمدە دورا تەركىبىدىكى بىئولوگىيىلىك ئىشقارنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى قىسمىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، دورىنىڭ تەرلىتىش رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. ئاشقازان يارىسى بار ياكى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى زىيادە بولغان كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ.
    ئاچچىقسۇ بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي چاپلاشقاق پەردىلىرىنى چىرىتىپ، بۇ سەۋەپلىك يارا كىسەللىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئەسلىدىنلا مول بولغان ئورگانىك كىسلاتا بار بولۇپ، بۇ ئادەم بەدىنى ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ كۆپ مىقداردا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەزىم قىلىش رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىپ، يارا كىسەللىكىنىڭ ئېغىرلاپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن ياشانغان كىشىلەر ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ.
    ياشانغان كىشىلەر سۆڭىكى سۇنۇپ كىتىش سەۋەپلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان مەزگىلدە ۋە ئەسلىگە قايتىش مەزگىلىدە ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. چۈنكى ئاچچىقسۇ ئادەمنىڭ سۆڭىكىنى يۇمشىتالايدۇ ھەمدە ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي ئىلمىنتىنىڭ بەدەندىكى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىيالايدىغان بولۇپ، سۆڭەك شالاڭشىش كىسەللىك ئەھۋالىنى پەيدا قىلىپ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇپ، زەخمىگە ئۇچرىغان قىسىمنىڭ بوشىشىپ ئېچىشىشى ۋە تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە سۇنغان سۆڭەكنىڭ ۋاقتىدا تۇتىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号