قىز كەلتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك "چارە-ئاماللار"
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7677:قېتىم كورۇلدى
   قىز قوغلىشىش جەريانىدا، ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋال بۇلىدۇ: بىرسى سىز قىز قوغلىشىشنىڭ ئېپىنى بىلىسىز، نەتىجىدە قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋىلىپ، مۇرادىڭىزغا يىتىسىز؛ يەنە بىر خىلى بولسا سىز قانداق قوغلىشىشىنى بىلمەيسىز، نەتىجىدە مەھبۇبىڭىزنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆمۈرلۈك ھەمرا بۇلۇشۇپ كەتكىنىگە قاراپ قالىسىز.
   مۇھەببەت ئەزەلدىن سىز ياخشى كۆرسىڭىزلا، قارشى تەرەپكە ئىرىشەلەيدىغان بولغان ئەمەس؛ سىز يەنە بەزى چارە ئاماللارنى ئىشلىتىشنى، جۈملىدىن قىزلارنى قانداق قوغلىشىشنى بىلىشىڭىز كىرەك. بولمىغاندا سىز قارشى تەرەپنى ھەر قانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، ئۇ پەقەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدىلا قالىدىغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولالمايسىز.
    ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن قىزنى قانداق قوغلىشىشىڭىز كىرەك ؟ قىزلارنى قوغلىشىشىتا ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان " چارە – ئاماللار "دىن قايسىلار بار ؟ تۈۋەندىكىلەر بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئازراق تەكلىۋىمىز، سىزگە پايدىسى بۇلۇپ قېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. مۇقىم بىر ۋاقىتتا بەزىبىر ئالاھىدە بولغان ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزلارنىڭ بۇنىڭغا ئادەتلىنىشىنى يىتىلدۈرۈڭ. 
    بۇرۇن مۇنداق بىر ھىكايە بولغان: بىر ئوغۇل بالا ھەمىشە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، قىزبالىغا " خەيرىلىك سەھەر " دەپ ئەھۋال سورايدىكەن؛ دەسلىۋىدە قىزچاق بۇنىڭغا ئۇنچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەپتۇ؛ ئەمما بىر كۈنى ھېلىقى ۋاقىتتا قىزچاق " خەيرىلىك سەھەر" دىگەن بۇ سالامنى تاپشۇرۋالمىغانلىقتىن، كۆڭلىدە بىئارام بۇلۇشقا باشلاپتۇ ،ھەتتا ئۇ ئوغۇل بالىنى سېغىنىشقا باشلاپتۇ.
مانا بۇ ئادەتلىنىشنىڭ سىھرى كۈچى؛ ئۇ قىزچاق سىزگە ۋە ياكى مەلۇم بىر ئىشلارغا ئادەتلىنىپ قالغان ۋاقىتتا، سىز تۇيۇقسىزلا توختىۋالسىڭىز، ئۇ بۇنىڭغا كۆنەلمەي قالىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بۇ قىزچاقنى قولغا كەلتۈرۋىلىشىڭىزنىڭ ئىھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بۇلىدۇ.
2. قىزلار ئىھتىياجلىق بولغاندا، ھەردائىم بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بۇلۇڭ.
     سىز ياخشى كۈرىدىغان قىز بالا قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ياكى ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا، سىز ئەگەر تىز سۈرئەتتە ئۇنىڭ قېشىدا پەيدا بۇلۇپ، ئۇ مۇھتاج بولغان ياردەمنى يەتكۈزەلىسىڭىز، ئۇ قىزچاق ئاستا ئاستا مەسىلىلەرگە يولۇققاندا سىزنى ئەسلەيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ ،ھەمدە سىزنىڭ ئۇنىڭ قېشىدا بۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
" سىزنى ياخشى كۆرىمەن " دىگەن بۇ سۆزنى ئاڭلاشتىن كۆرە، قىزلار سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئەمىلىيەتتە ھسى قىلىشنى تېخىمۇ بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، مۇھتاج بولغان ۋاقتىدا يېنىدا پەيدا بولالايدىغان ئوغۇللارنى رەت قىلالايدىغان قىزلار بولمايدۇ.
3. قىزلارغا دائىم ئۇلار ياخشى كۈرىدىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ رومانتىكىلىقىنى ھىس قىلدۇرۇڭ.
    گۈل ياكى باشقا تۈردىكى سوۋغىلارنى ياخشى كۆرمەيدىغان قىز بالا بولمايدۇ. سىز ئەگەر بەزىبىر ئالاھىدە كەلگەن كۈنلەردە ياكى ئاددەتتكى كۈنلەردە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بەزىبىر خوشاللىقلارنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن رومانتىكىلىق كەيپىيات پەيدا قىلسىڭىز، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ قىز چوقۇم سىزگە " تەسلىم " بۇلىدۇ.
قىزلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت كەمچىل كىلىدۇ، ھەممىسى سىزنىڭ ئۇلارغا رومانتىك مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ؛ سىز ئۇلارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىدۇ ۋە بۇخىل تۇيغۇغا مەپتۇن بۇلۇپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قەلىب ئىشىكىنى چەككەن سىزگە تېخىمۇ ھەم شۇنداق.
4. قىزلارنىڭ قىزىقىش ھەۋەسلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ، دىققەت قىلمىغان قىياپەتتە ئۇلار ياخشى كۈرىدىغان ماھارەتلەرنى كۆرسىتىڭ.
    لايىق تاللاش مەسىلىسىدە، ھەر بىر قىز بالىنىڭ ئالاھىدە كەلگەن، ھېرىس قىلىدىغان تەرەپلىرى بۇلىدۇ؛ مەسىلەن بەزى قىزلار پىئانىنو چالالايدىغان ئوغۇللارنى ياقتۇرىدۇ، بەزى قىزلار بولسا سۈرەتكە تارتىشنى بىلىدىغانلارنى ياقتۇرۇشى مۇمكىن؛ ئەگەردە بۇ ئىقتىدارلار سىزدە بۇلۇپ قالسا، سىز مۇۋاپىق تۈردە بۇ جەھەتتىكى ماھارىتىڭىزنى نامايەن قىلسىڭىزلا، ناھايىتى تىز قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالالايسىز.
    ئەڭ ياخشى كەلگەن مۇھەببەت قارشى تەرەپنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىش ئەمەس بەلكى قارشى تەرەپنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىشتۇر. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ماھارەت ۋە ئىقتىدارىڭىزغا تايىنىپ قىزلارنى ئۆزىڭىزگە جەلىپ قىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كىتەلمەي " قولىقى يۇمشاق " بولغىنىڭىزدىن ياخشىراق بۇلىدۇ؛ ئۇ سىزنىڭ ھەۋەسكارىڭىزغا ئايلانغان ۋاقىتتا، ھەممە ئىش ئۆزلىگىدىن ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.
    يۇقاردا سۆزلەنگەن "چارە –ئاماللار"، قىزلارنى قوغلىشىشتىكى ئەڭ سەمىمى ھەم ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى كەلگەن چارىلەر ھىسابلىنىدۇ.
   قىزلارنىڭ ئادەتلىنىشىنى يىتۈشتۈرۈپ، ئۇلارنى سىزگە ئادەتلەنگەن قىلىڭ؛ مۇھتاج بولغان ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ قېشىدا پەيدا بۇلۇپ، ئۇلارنى سىزگە تايىنىدىغان قىلىڭ؛ قىزلارغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىڭىزگە مەپتۇن قىلىۋىلىڭ؛ قىزلارغا ماھارەتلىرىڭىزنى نامايەن قىلىپ، ئۇلارنى سىزگە چوقۇنىدىغان قىلىڭ.
     ئۇ سىزگە ئادەتلىنىپ قالغان، سىزگە تايىنىدىغان بولغان، سىزگە مەپتۇن بۇلۇپ قالغان ۋە سىزگە چوقۇنۇشقا باشلىغان ۋاقىتتا، گۇمانلانمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، ئۇ ئاللىقاچان سىزنىڭ بۇلۇپ بولغان بۇلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号