پۇلىڭىز قالمىغاندا، نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشىنىپ يىتىسىز!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7707:قېتىم كورۇلدى
   كونىلارنىڭ " پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ" دىگەن گېپى ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان.
   نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، پۇل—رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. دۇنيانىڭ ئەگرى-توقايلىقلىرى  ۋە ئادىمىگەرچىلىكتىكى ساختىلىقلار، كۆپىنچە سىزنىڭ پۇلىڭىز يوق بولۇپ قالغاندا، ئاندىن ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ.
   سىز مال-دۇنيارىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتىڭىزدا، كىمنىڭ سىزگە ھەقىقى پوزۇتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى، كىمنىڭ سىزگە ساختا مۇئامىلە قىلىدىغىنىنى چۈشىنىپ يىتىسىز.  ئادەتتە سىز بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، ئاغىنەم دەپ يۈرۈيدىغان دوستلىرىڭىز، سىز تەس كۈنگە قالغاندا ئۇلارنىڭ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرمەسكە سالىدۇ، تېلفۇن ئۇرسىڭىزمۇ ھەمىشە تېلفوننى كۆتۈرمەيدۇ... سىزنىڭ بەلكىم نۇرغۇن دوستلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز تەس كۈنگە قالغان ۋاقتىڭىزدا، سىزگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ھەم چىن كۆڭلىدىن ياردەم قىلىدىغانلاردىن نەچچىسى بار؟
   كەمبەغەللىك، چىن كۆڭۈلنى سىناپ چىقىشقا يىتىپ ئاشىدۇ. سىز تەس كۈنگە قالغاندىمۇ سىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى خالايدىغان كىشىلەرلا، سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى سەرپ قىلىپ قەدىرلىشڭىزگە ئەرزىيدىغان كىشىلەردۇر. دوستلار كۆپ بولغىنى بىلەن بىكار، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ سىز بىلەن بىللە بولالىشىىدۇر.
   سىز مال-دۇنيارىڭىزدىن ئايرىلىپ، پۇلسىز قالغان ۋاقىتڭىزدا، ئۆزىڭىز سۆيگەن كىشىلەرنىڭ جاپا تارتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قىلالماسلىقنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز.
   پۇل ھەققىدە توختالغاندا، نۇرۇغۇن كىشىلەر دېمىغىنى قاقىدۇ؛ مۇھەببەت جەريانىدا پۇل تىلغا ئېلىنسا، سىزنى مال-دۇنياغا بىرىلگەن ئەمىلىيەتچىل دەيدۇ؛ خىزمەتتە پۇل تىلغا ئېلىنسا، سىزنى مەنپەئەتكە بىرىلگەن دەيدۇ؛ تۇرۇمۇشتا پۇل تىلغا ئېلىنسا، سىزنى چاكىنا دەيدۇ. ئەمما ئۇلار كۆپىنچە ۋاقىتتا سىز يىتەرلىك پۇلغا ئىگە بولغان ۋاقتىڭىزدىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ ئەگىرى-توقايلىقلىرى  بىلەن قارشىلىشالايدىغان جۈرئەتكە ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنى قوغدىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولالايدىغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
    جاڭ ئەيلىڭ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: " مەن پۇلنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى مەن پۇلنىڭ بولمايدىغان يەرلىرىنى بىلمەيمەن، مەن پەقەت پۇلنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنىلا بىلىمەن."
    شۇنداق، يانچۇقىڭىزدا پۇلىڭىز بار بولۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ:
    ئەگەر پۇلىڭىز بولسا، ئونىڭىزدىن قوپۇپلا ساياھەتكە بارالايسىز، ۋاقىتنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىدىن، ئايروپىلان بىلىتىنى قىممەت سېتىۋىلىپ قېلىشتىن، كۆپ پۇل سەرپ قىلىۋىتىپ، كىيىنكى ئايدا قىسىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمايسىز.
    ئەگەر پۇلىڭىز بولسا، يۈرەكلىك ھالدا ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلالايسىز، ھەممە يەردە مۇرەسسە قىلىپ، ئۆزىڭىزنى ئۇۋالچىلىققا قويۇپ ئولتۇرمايسىز.
   ئەگەر پۇلىڭىز بولسا، خىزمەت كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولماي قالسا، ئىشتىن چۈشۈپلا ئايروپىلان بىلىتى ئېلىپ، باشقا يەرلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كىلەلەيسىز؛ ھەرگىزمۇ ئاپتۇبۇستا قىسىلىپ، يول بويىدىكى ئادەم ئىشتاھاسىنى تۇتقۇزىدىغان  كىچىك ئاشپۇزۇللاردا كۆزلىرىڭىزدە ياش مۆلدۈرلىتىپ تاماق يەپ ئولتۇرمايسىز....
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ، تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرى، جەمئىيەتنىڭ ئەمىلىيەتچىللىىكى، ئادىمىگەرچىلىكنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشى قاتارلىقلاردىن زارلىنىپ ئولتۇرماي، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆپرەك پۇل تاپىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلىڭ!

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号