ئوسۇڭنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 288029:قېتىم كورۇلدى
   ئەتىياز پەسلى، جىگەرنى ئاسراپ كۈتۈشتىكى ۋە كۆكتات ئىستېمال قىلىشتىكى ياخشى پەسىل؛ بۇ مەزگىلدە كۆپ خىل كۆكتاتلار يېڭىدىن بازارغا چىقىدىغان بولۇپ، ئارىدىكى بىرسى، "راكقا قارشى تۇرۇش شاھى" دەپ ناما بىرىلگەن ئوسۇڭدۇر.
   ئوسۇڭنىڭ(莴笋) تەبىئىتى سۇغۇق، ئېتى چۈرۈك بولۇپ، غولىنى سوغۇق تەملەشتۈرۈپ، قورۇپ ياكى تۇزلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەتىيازدا ئوسۇڭنى كۆپرەك ئېستېمال قىلغاندا، تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
راكقا قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش(防癌抗癌)
   ئوسۇڭ تەركىبىدە بىر خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ جىگەر راكى ۋە ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار؛ بىرلا ۋاقىتتا، راك كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ رادىئاتسىيەلىك داۋالاش ياكى خېمىيلىك داۋالاش جەريانىدىكى ئەكىس تەسىرىنى يېنىكلىتەلەيدۇ.
قېرىشنى ئاستىلىتىش(防衰老)
   ئۇزۇقلۇق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوسۇڭ يۇپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدىكى كاروتىن ماددىسى، ئوسۇڭ غولىدىكىنىڭ 9.7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى بولسا، ئوسۇڭ غولىدىكىنىڭ 14 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ؛ بۇ ئىككى خىل ئۇزۇقلۇق تەركىبىنىڭ، قېرىشنى ئاستىلىتىش، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.
قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش(降血压)
    ئوسۇق تەركىبىدە تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدىكى خولستىرىن مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتىرىيە قېتىشىش، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە قارىتا پايدىلىق رول ئوينايدۇ.
قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش(降血糖)
   ئوسۇڭ تەركىبىدە زور مىقداردا ۋىتامىن B3 بار، بۇ خىل ۋىتامىن يەنە نىكوتىنىك كىسلاتا دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئىنسۇللىننى قوزغىتىش رولىنى ئوينايدىكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، دىئابىت كېسەللىكلىرى بىمارلىرى مۇۋاپىق تۈردە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ قەنت مىتابولىزىمىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.
قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش(降血脂)
   ئوسۇڭ تەركىبىدىكى كالىي ماددىسى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ھەزىم قىلىش ئىنىزىمىنىڭ ئىقتىدارىنى، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۈچەيتىپ، بۇ ئارقىلىق ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ۋە قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
   يۇقىرىدا، ئوسۇڭنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق، تۆۋەندە ئوسۇڭنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستېمال ئۇسۇللىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
 
ئوسۇڭ قورىمىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ئوسۇڭ، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى
   تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئوسۇڭنىڭ پوستىنى ئاقلىۋىتىپ، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئوسۇڭنى بىۋاستە سېلىپ قورۇيمىز؛ ئوسۇڭ يۇمشىغاندىن كېيىن، تۇز ۋە توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ تەم تەڭشەپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
گۆشلۈك ئوسۇڭ قورىمىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ئوسۇڭ، قوي گۆشى، زەنجىۋىل، قاقمۇچ، جىياڭيۇ، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئوسۇڭنى ئاقلاپ يۇيۇپ، ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   2. ئوسۇڭنى تۇزلۇق سۇغا 3-2مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۇدا چايقاپ، سۈيىنى سارقىتىپ تەييارلايمىز. قوي گۆشىنى نىپىز توغرايمىز؛ زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، قوي گۆشىنى سېلىپ، سارغايغىچىلىك قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئازراق تۇز ۋە جىياڭيۇ قوشۇپ، داۋاملىق بىر مىنۇت قورۇيمىز.
   4. ئوسۇڭنى سېلىپ، يەنە ئازراق قاقمۇچ قوشۇپ داۋاملىق قورۇيمىز؛ چوڭ ئوتتا ئىككى مىنۇت قورۇپ، ئوسۇڭ يۇمشىغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

سېلىشتۇرمىسا كۆڭۈل ئاغرىمايدۇ

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

ئاياللارنىڭ قەلبى ئۆزگەرسە بۇ ئۈچ ئىشتا ئاشكارىلاپ قويىدۇ

دەسلەپ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن، "ئەرلەرنىڭ تالاغا قارىشى پەقەت نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم بولىدۇ" دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ئازراق ئ

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

مۇھەببەتتىكى بارلىق ساداقەتسىزلىكلەرنىڭ تۈپ سەۋەبى پەقەت بىرلا

مۇھەببەت دۇنياسىدا، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ھەممىدىن بەك ئازاپلايدىغىنى، سىز چوڭقۇ ياخشى كۆرگەن ھەمدە بارلىقىڭىزنى ئاتىغان ئاشۇ ئادەمنىڭ، كۈ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号