قارا پۇرچاقنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13711:قېتىم كورۇلدى

  ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، قارا پۇرچاق، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆپ خىل ئۈنۈملۈك بىر خىل يېمەكلىك بولۇپ، ئادەتتە شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ياكى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، قارا پۇرچاقنىڭ يەنە باشقا ئۈنۈملىرى بارمۇ؟

  قارا پۇرچاقنىڭ ئۈنۈمى

  قارا پۇرچاق، تىپىك بولغان يۇقىرى ئاقسىللىق، تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يېمەكلىك بولۇپ، تەركىبىدە 18خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسىدىن سەككىز خىلى بار؛ ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە 19 خىل ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى %80گە يىتىدۇ، سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.

  قارا پۇرچاق تەركىبىدە، ۋىتامىن E، سىئانىن، ئىزوفلاۋۇن قاتارلىق ماددىلار بار؛ بۇندىن باشقا، سىنىك، مىس، ماگنىي، سېلىن، فىتور قاتارلىق ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ مىكرو ئىلمىنتلارنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىش، قاننىڭ قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق رولى بار.

  قارا پۇرچاقنىڭ رولى

  ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش: قەدىمكى زاماندىكى نۇرغۇنلىغان تىبابەت دەستۇرلىرىدا، قارا پۇرچاقنىڭ چىرايىنى ياش ھالەتتە ساقلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، چاچ قارايتىش، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار دەپ خاتىرىلەنگەن.

  ئۇنداقتا، نېمىشقا قارا پۇرچاقنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار؟ چۈنكى، قارا پۇرچاق تەركىبىدە ۋىتامىنلار مول؛ بولۇپمۇ ۋىتامىن E بىلەن B ئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ۋىتامىن Eنىڭ مىقدارى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ 7-5ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ۋىتامىن E بولسا، ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقىغان، ياشلىقنى ساقلاپ چىراي گۈزەللەشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ماددا.

  قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش: قارا پۇرچاق تەركىبىدىكى يىرىك تالا ماددىسىنىڭ مىقدارى %4كە يىتىدىغان بولۇپمۇ، سېرىق پۇرچاقتىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. يىرىك تالا ماددىسىنىڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. شۇڭا، قارا پۇرچاقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسەك، قەۋزىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالغىلى ئالدىنى بولىدۇ.

  ماغدۇر تۇلۇقلاپ روھلۇق قىلىدۇ: ئادەمنىڭ قېرىشى، كۆپىنچە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن باشلاپ گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، قېرىشنى ئاستىلىتىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمەن، ھەمدە روھىمىزنى جۇشقۇن قىلىمەن دېسەك، چوقۇم ئاۋۋال بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش كېرەك. جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، قارا پۇرچاقنىڭ بۆرەك قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار.

     چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ: پۇرچاق تەركىبىدە، %2گە يېقىن تۇخۇم سېرىق ماددىسى بار بولۇپ، مېڭىگە قۇۋۋەت يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىپ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

ھىندىنوزىيەدە پويىز يولىدا يېتىۋالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپلەپ كەتتى

ھىندىنوزىيەدە، بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پويىز رىلىسىدا يېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. بىراق، ئۇلار پويىز يولىدا ئۆزىنى

ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

بىراق، پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان بىر ئادەم، ھەر ۋاقىت چۈشكۈنلۈككە پېتىپ چىقالمايدۇ، ياخشى بىر كىشىلىك ھاياتقا ئىرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ب

قەھۋەنىڭ ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىلمى ئاساسى بار بولدى

ئامىرىكا كۈندىلىك ئىلىم-پەن تورىنىڭ يېقىنقى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك ئالىملار، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندى

مۇھەببەتتە ساداقەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئەپۇ قىلىش كىرەكمۇ

بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ھەتتا چۈشىدىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ كىتىپ قېلىشىدىن ئ

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号