ھەمىشە كىچىسى ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىقنىڭ قانداق زىيىنى بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13783:قېتىم كورۇلدى

  جەمئىيەت ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىچىسى ۋاقتىدا ئۇخلىماسلىق، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دائىملىق ھالىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنداقتا، كىچىسى ۋاقتىدا ئۇخلىماي ئادەتلەنگەندە، ئادەمگە قانداق زىيانلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

  دانىخورەك چىقىش

  بەلكىم سىزمۇ بىلىشىڭىز مۇمكىن، سەھەر سائەت بىر ئەتراپىدىكى ۋاقىت، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ۋاقتى بولۇپ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سىز تېخى ئۇخلىمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەر يېغىلىپ قېلىپ، ئادەمدە رەڭگى رويى ناچارلىشىش، تېرە ماي تەركىبى ئاجرىلىش ئېشىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق يۈز تېرىسىدىكى ماي تەركىبلىرى ئاجرىلىش كۆپىيىش ھادىسىسى، ئاسانلا تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دانىخورەك چىقىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا، ياخشى بولغان دەم ئېلىش ئادىتى يىتىلدۈرگەندىن باشقا، ئادەتتە يۈز قىسىم تازىلىقىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  چاچ چۈشۈش

  دانىخورەك چىققاندىن باشقا، تېرە ماي تەركىبىنىڭ زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشى، يەنە باش تېرىمىزدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەبلىك چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ؛ ئېغىر بولغاندا، ھەتتا "پەينەكباش" بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلىماقچى بولسىڭىز، ئادەتتە مايسىز، تۇزسىز تاماق يىگەندىن باشقا، يەنە ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

  ھەيىز قالايمىقانلىشىش

  كىچىسى ۋاقتىدا ئۇخلىمايدىغان خانىم-قىزلار بەلكىم ئۆزىمۇ بايقىغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ھەيىز ۋاقتى قالايمىقانلىشىپ، بەزىدە ئىككى-ئۈچ ئايدا بىر قېتىم كىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشى، ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەگەر سىزدىكى ھەيىز ۋاقتىدا كەلمەسلىك ھادىسىسى يىنىك بولسا، ئۇنداقتا كىچىسى ۋاقتىدا ئۇخلاش، كۆپرەك ھەرىكەتلىنىش، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ياخشىلاشقا بولىدۇ؛ لېكىن، ناۋدا ئېغىر بولۇپ قالسا، يەنىلا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.

  ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەش

  ئادەم بەدىنىدىكى ھەر قايسى ئەزالار، كىچىسى ئۆزىنى تەڭشەپ ياخشىلاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، ئەگەر كىچىسى ۋاقتىدا ئۇخلىماي ئادەتلەنسەك، ئىچكى ئەزالار ياخشى ئارام ئېلىشقا ئىرىشەلمەي، ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号