ئالما، ئاساسەن ھەممە ئادەم ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان بىر خىل مىۋە بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، باھاسى مۇۋاپىق. لېكىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئالما تاللاپ سېتىۋالغان ۋاقىتتا، ئالمىنىڭ تاتلىقىنى تاللاشنى بىلمەي، ھەمىشە چۈچۈمەل تەملىك ئالما سېتىۋىلىپ قالىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تاتلىق ئالما تاللاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئالدى بىلەن، ئالمىنىڭ تاتلىق بولۇش بولماسلىقى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتىكى ئىككى ئالمىنى قولىمىزدا دەڭسەپ كۆرسەك، ئېغىرراق بىلىنگەن ئالمىنىڭ سۇ تەركىبى تېخىمۇ يىتەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ تاتلىقراق بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ئالمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ سىيلىق ياكى يىرىك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىمىز. ئالما سېتىۋالغان ۋاقىتتا، قولىمىزدا ئالمىنىڭ يۈز قىسىمىنى سىيلاپ، يىرىكلىك دەرىجىسىنى بىلىپ باقساق بولىدۇ. سىرتقى يۈزى نىسبەتەن يىرىك بولغان ئالما، سىرتقى يۈزى سىيلىق بولغان ئالمىغا قارىغاندا تېخىمۇ تاتلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئالمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ يىرىك بولۇشى، بۇ ئالمىغا قۇياش نۇرى چۈشۈشنىڭ بىر قەدەر يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئالما ئادەتتە تاتلىق چىقىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، ئالمىنىڭ رەڭگىگە قارايمىز. ئالما تاللىغان ۋاقىتتا، قىزىللىق ئارىسىدا سېرىق رەڭ بار بولغان ئالما تاللاپ سېتىۋېلىشىمىز كېرەك؛ ئەگەر ئالما پۈتۈنلەي قىزىل رەڭدە بولسا، بۇنداق ئالمىنى ئىمكان بار سېتىۋالماسلىق لازىم. چۈنكى، پۈتۈنلەي قىزىل رەڭدە بولغان ئالما، نىسبەتەن چۈچۈمەل كېلىدۇ.

ئاخىرىدا، ئالمىنىڭ ساپىقىدىكى ئولتۇرۇشقا قىسىمغا قارايمىز. ئالما ساپىقىدىكى ئولتۇرۇشقا ئورۇن قانچە چوڭقۇر بولسا، بۇ ئالمىنىڭ شۇنچە ياخشى پىشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېمەك بۇ ئالما شۇنچە بەك تاتلىق چىقىدۇ؛ بۇندىن باشقا، بىز يەنە بۇ ئولتۇرۇشقا قىسىمنىڭ رەڭگىگە قارايمىز. ئەگەر ئولتۇرۇشقان قىسىم رەڭگى، قىزىللىق ئارىسىدا سېرىق رەڭ بار بولسا ياكى سېرىق رەڭ ئارىسىدا كۆكرەڭ قوشۇلغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئالمىنىڭ نىسبەتەن يېڭى ھەم تاتلىق ئىكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر ئالمىنىڭ ساپىقىدىكى ئولتۇرۇشقا قىسىم قارىداپ قالغان بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئالمىنى سېتىۋالماسلىق كېرەك؛ چۈنكى بۇ ئەھۋال، بۇ ئالمىنىڭ ئۈزۈلگەن ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنداق ئالما بەك تاتلىق چىقمايدۇ.

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ
ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش
لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،
تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت
ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号