تۇتاش بەدەنلىك ئاچا-سىڭىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاجرىتىلدى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13638:ئادەم ئۆگەندى
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئىككى ياشلىق بىر جۈپ تۇتاش تەنلىك قوشكېزەك ئاچا-سىڭل يىۋا بىلەن ئەيرۈيكا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاجرىتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغان بولۇپ، ھازىر ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەننىڭ تېنى ئىنتايىن ساغلام ئىكەن.
   ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا كالفورنىيە شىتاتىدا ئوپراتسىيە قىلدۇرغان بولۇپ، ئىككەيلەننىڭ تۇتاش بولغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، بالىياتقۇ، جىگەر، داس سۆڭەك ۋە ئۈچىنچى پۇتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئايرىلغان. بۇندىن بۇرۇن، سىڭلىسى ئەيرۈيكانىڭ جۇغى، ئاچىسى يىۋانىڭ يېرىمىچىلىك كېلەتتى؛ چۈنكى، ئىلگىرى كۆپ قىسىم ئۇزۇقلۇق يىۋا تەرىپىدىن سۈمۈرۈلگەن ئىدى. ھازىر بولسا، يىۋا بىلەن ئەيرۈيكانىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەڭلىشىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ 18جىڭ ئەتراپىغا يەتكەن.
   ئۇلارنىڭ ئانىسىمۇ ئەيرۈيكانىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىدىن ناھايىتى خۇشال بولغان؛ ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئەيرۈيكانىڭمۇ تۇرمۇشى بار بولغان بولۇپ، ئۇ ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەننىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشىنى ياخشى كۆرىدىكەن.
   بۇ يىل ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئايدا، ئەيرۈيكا بىلەن يىۋا كەينى-كەينىدىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئۆيىگە يېقىن يەردىكى كۈتۈنۈپ ئەسلىگە كىلىپ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھازىر بولسا ئۆيىگە قايتىپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرلىكتە نورمال تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. لېكىن، ئۇلار ھازىرمۇ بۇرۇن نەيچىسىگە تايىنىپ ئاندىن ئۇزۇقلۇق سۈمۈرىدۇ.
   قوشكىزەك ئاچا-سىڭىلنىڭ ئانىسىنىڭ دىيىشىچە، ئۇلار ھازىر ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدىكەن، ھەمدە ئىككى بالىنى تىرىشىپ بېقىپ قاتارغا قوشىدىكەن. ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى يېڭى تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن ھازىر پىسخىكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلماقتا.
   ئايرىش ئوپراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، ئاچا-سېڭىل ئىككەيلەننىڭ سۆڭەكلىرى تەدرىجىي ھالدا بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىي ئۈچ پۇتى بار ئىكەن، ئەمما ئۈچىنچى پۇتىنى نورمال ئىشلىتەلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى پۇتىدىن ئېلىنغان ئورگانىزىملار، ئەيرۈيكانىڭ ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىگە ئىشلىتىلگەن؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئاچا-سېڭىل ھەر ئىككىسىنىڭ پەقەت بىردىنلا پۇتى قالغان. ئۇلار ھازىر چاقلىق ئورۇندۇق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋالغان، ئەمما دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن بىر يىل ئىچىدە قولتۇق تايىقىغا تايىنىپ ماڭالايدىغان بولىدىكەن.
   ئۇلارنىڭ بىردىن پۇتى كەمچىل بولغاچقا، پۇت يوق تەرەپتىكى داس سۆڭىكىنىڭمۇ بىرى قىسىمى كەمچىل بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن يالغان پۇت ئورنىتىش ئىمكانىيىتىگە ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلگەن. فىزىكىلىق داۋالاش ئۇستىسى كەررىي.ئاندىراسنىڭ دېيىشىچە، بەدەن ئىقتىدارىنىڭ تېتىكلىكىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاپىسى بۇ ئىككى ئاچا-سىڭىلغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا 44ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، دادىسىمۇ 49ياش ئىكەن. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئايالنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەن ۋاقىتتا، دوختۇرلار ئۇلارغا ئەڭ ياخشىسى بالىنى چۈشۈرۈۋىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. لېكىن ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن، گەرچە يىگىرمە نەچچە ياشلىق ۋاقتىدا ئۈچ بالىلىق بولۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما قورساقتىكى بالىنى تۇغۇشتا يەنىلا چىڭ تۇرغان. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، بالا تۇتاش بەدەنلىك تۇغۇلۇپ قالغان. ھازىر، گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ كەلگۈسىدە ھەممە ئىشنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىگە ئىشەنچىسى زور ئىكەن.

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

ئەر كىشىنىڭ كۆڭلىنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى

ئەركىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، سىز بەلگىلىك تاكتىكىغا دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك؛ بولمىغاندا، پەقەت بىر تەرەپلىمە ھالدا بەدەل تۆلەشنىل

مىۋە-چىۋىلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟

تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى

"قوش 11"نىڭ سىھرىي كۈچى راستتىنلا شۇنچە يۇقىرىمۇ؟

نەچچە كۈن ئىلگىرى، يىلدا بىر كېلىدىغان "قوش 11" ئومۇمى خەلق مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنى كۈتىۋالدۇق. ئاز بولمىغان تورداشلىرىمىز، ئۆزىگە ل

ئەتىگەندە ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号