ئۆمرى قىسقا كىشىلەردە بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14864:قېتىم كورۇلدى
   يۇقىرى قان بېسىمى، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى، قاننىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى بولۇش، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق خەتەر ئامىللىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆمرىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىراق، تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ ئۆمرىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر كېسەللىك ئامىلى كۆرۈلدى؛ ئۇ بولسىمۇ، قان قويۇلۇشتۇر.
   ئادەتتە، قان قويۇلغاندا بىر قاتار بىنورمال ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىببى كۆزىتىشلەردە بايقىلىشىچە، قان قۇيۇلۇپ قالغان بىمارلاردا، دەسلەپكى مەزگىللەردە تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
ئەتىگىنى بېشى قېيىپ، كەچتە سەگەك بولۇش
   قان قۇيۇقلۇقى يۇقىرى كىشىلەر، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا كاللىسى ئېغىر، تەپەككۇرى راۋان ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ؛ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاندىن تەدرىجىي ھالدا سەگەكلىشىدۇ. كەچلىك تاماقتىن كېيىن بولسا، روھى ھالىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
چۈشتىن كىيىن ئۇيقۇ تۇتۇش
   چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، ئىنتايىن ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، چوقۇم ئازراق ئۇخلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن روھى ھالىتى ئەسلىگە كېلىدۇ، بولمىسا پۈتكۈل چۈشتىن كېيىن روھى سۇلغۇن ئۆتىدۇ. بۇ، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن مېڭىگە قان يىتىشمىگەنلىكنىڭ تىپىك ئالامىتىدۇر؛ ئەكسىچە، كەچلىك تاماقتىن كېيىن روھى ھالىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ قالىدۇ.
تۇرۇپ تۇرۇپ كۆزلىرى خىرەلىشىش
   قان قۇيۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەن ئوتتۇرا ياش، ياشانغان كىشىلەردە، ھەمىشە ۋاقىتلىق تىپتىكى كۆزلىرى خرەلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ؛ بولۇپمۇ بويۇن قىسىمنى تولغاپ مىدىرلاتقاندا، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئاسان كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال، قاننىڭ قۇيۇقلۇقى زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولۇپ، قان ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، كۆرۈش نىرىپلىرىغا يىتەرلىك ئۇزۇقلۇق، قان ۋە ئوكسىگېن يىتىشمىگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ.
كۆكرەك سىقىلىش
   قاننىڭ قۇيۇقلۇقى يۇقىرىلىسا، كۆرەك سىقىلىپ نەپەس قىستايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، قاننىڭ قۇيۇقلۇقى يۇقىرى بولغاچقا، يۈرەكنىڭ ھەر قايسى ئەزالارنى قان بىلەن تەمىنلىشى ئاستىلىغانلىقتىن بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، چوڭ مېڭە ۋە ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارغا قان يىتىشمىگەچكە، ئادەمدە نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
 

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号