بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14095:قېتىم كورۇلدى
   بۆرەككە تاش چۈشۈش، سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكنىڭ بىرى بولۇپ، نۆۋەتتە كىلىنكىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تاش چۈشۈش، كالتسىي ئوكسالات چۆكمە بولۇپ تاش شەكىللەندۈرۈشتۇر. بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كالتسىي، ئوكسالىك كىسلاتا، سۈيدۈك كىسلاتا قاتارلىقلار بولۇپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ ماددىلارنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتساق، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
سۇنى كۆپرەك ئىچىش
   سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە، كىچىك تەرەت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، دەسلەپكى مەزگىلدە ھاسل بولغان،ئۇششاق يۆتكىلىشچان تاشلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىشكە بولىدۇ ھەمدە سۈيدۈكنى سۇيۇلدۇرۇش ۋە كىرىستال ماددىلارنىڭ سىنتىزلىنىشىنى ئازايىتىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
كۆپرەك ھەرىكەت قىلىش
   كۆپ ھەرىكەت قىلمايدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، بىرىكمىگەن تىپتىكى كالتسىيغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ؛ لېكىن دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاندا، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغان كالتسىي ماددىسىدىن ئۈنۈملۈك ھەم تۇلۇق پايدىلىنىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋىپىنى ئازايتىشقا بولىدۇ.
ئوكسالىك كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش
   بۆرەككە چۈشكەن تاشنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەركىبى كالتسىي ئوكسالات بولىدۇ، شۇڭا ئوكسالىك كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىمكان بار ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئوكسالىك كىسلاتا تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، كەرەپشە، شاكلات، ئۈزۈم، بانان، يۇمغاقسۈت، پالەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋىتامىن A تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىش
   ۋىتامىن A، سۈيدۈك يولى ئىچكى پەردىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ئىچكى پەردىسى سالامەت بولسا، سۈيدۈك يولى كىرستال ماددىلارنى ياكى كىچىك مىكرو تىپتىكى تاشلارنى نورمال ھالدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
كالتسىي تولۇقلاش
   كالتسىي ماددىسىنى ئىمكان بار يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلساق، بەدەننىڭ مىتابولىزىمىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

ھىندىنوزىيەدە پويىز يولىدا يېتىۋالىدىغانلار تېخىمۇ كۆپلەپ كەتتى

ھىندىنوزىيەدە، بارغانسىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پويىز رىلىسىدا يېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدى. بىراق، ئۇلار پويىز يولىدا ئۆزىنى

ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكى

بىراق، پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان بىر ئادەم، ھەر ۋاقىت چۈشكۈنلۈككە پېتىپ چىقالمايدۇ، ياخشى بىر كىشىلىك ھاياتقا ئىرىشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ب

قەھۋەنىڭ ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ئىلمى ئاساسى بار بولدى

ئامىرىكا كۈندىلىك ئىلىم-پەن تورىنىڭ يېقىنقى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك ئالىملار، بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق، بەدەندى

مۇھەببەتتە ساداقەتسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئەپۇ قىلىش كىرەكمۇ

بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ، ھەتتا چۈشىدىمۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئادەمنىڭ كىتىپ قېلىشىدىن ئ

تۆت يۈز جىڭلىق يىگىت ئۇرۇقلىدى، ئەمما ئازراقمۇ خۇشال بولالمىدى

نۇرغۇن كىشىلەر سەمىرىپ كىتىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، سېمىزلەرنىڭ س

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号