چىرايلىقلىقىدىن يالغان ئادەم دەپ قارالغان بۇ قىزنى كۆرۈپ بېقىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر بالىسىنىڭ سۈرەتلىرىنى تورغا چىقىرىش، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر خىل ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ئوماق بالىسىنى سۈرەتكە تارتىپ تورغا چىقىرىپ، تورداشلارنىڭ بەرگەن باھاسىنى كۆرىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى بالىلار ئوماقلىقىدىن، بىر كۆرگەن ئادەم خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇنتىيالمىغۇدەك كېلىدۇ. بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ بالىنىڭ كۆزى ھەممىدىن ئالاھىدە بولۇپ، قارىماققا قارا ئۈزۈمگىلا ئوخشايدۇ.
   كۆزدىن باشقا، بۇ بالىنىڭ بەش ئەزالىرىمۇ ناھايىتى نەپىس بولۇپ، قارىماققىلا ئادەمگە بىر خىل ئوماق بىلىنىدۇ. بىراق، بۇ بالا چىرايى دەرىجىدىن تاشقىرى ئوماق بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلەرنىڭ گۇمانلىنىشىغا ئۇچرىغان. مەسىلەن، بالىنىڭ تۆۋەندىكى رەسىمىنى كۆرۈپ، تورداشلار ئۇنى يالغان قونچاق ئادەم دېيىشكەن.
   بۇنىڭغا قارىتا، بالىنىڭ ئانىسى تورداشلارنىڭ گۇمانىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە چۈشكەن سۈرەتنى تورغا چىقارغاندىن كېيىن،  تورداشلار ئاندىن بالىنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. لېكىن بۇ ۋاقىتتا، تورداشلار يەنە بالىنىڭ ئانىسىنىڭ چىرايىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان؛ چۈنكى، رەسىمدىكى ئانىمۇ قارىماققا تىرىسى ئىنتايىن ئاق، بەش ئەزاسى نەپىس بولۇپ، قونچاقنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشايتتى. شۇنىڭ بىلەن تورداشلار، بالىغا قارىغاندا، ئانىسى تېخىمۇ بەكرەك قونچاق ئادەمگە ئوخشايدىكەن دەپ جار سېلىشقان.
   ئەمەلىيەتتە، بۇ ئانىنىڭ چىرايىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق چىرايلىق بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى ئەگەر يالغان بولسا، ئۇ بۇنداق چىرايلىق بالا تۇغالمىغان بولار ئىدى. ھازىر تورداشلارنىڭ گۇمانى قاراشلىرىمۇ پەسىيىپ، قونچاققا ئوخشايدىغان بۇ ئانا-بالا، نۇرغۇنلىغان تورداشلار مۇھاكىمە قىلىشىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالدى.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号