دائىم كالا گۆشى يەپ بىرىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5815:قېتىم كورۇلدى

كالا گۆشى تەركىبىدە ساركوزىن مىقدارى مول
   كالا گۆشى تەركىبىدىكى ساركوزىننىڭ(肌氨酸) مىقدارى باشقا ھەر قانداق يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۈچنىڭ ئېشىشىغا قارىتا ئالاھىدە ئۈنۈمى بار.
ۋىتامىن B6 بار
   ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياج قانچە يۇقىرى بولغانسېرى، يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدە قوشۇلۇشقا تېگىشلىك ۋىتامىن B6 شۇنچە كۆپ بولىدۇ. كالا گۆشى تەركىبىدىكى ۋىتامىن B6 يىتەرلىك كۆپ بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاقسىلنىڭ مىتابولىزىملىنىشى ۋە بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق جىددىي مەشىقتىن كېيىنكى بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق رول ئوينايدۇ.
تەركىبىدە كارنىتىن بار
   توخۇ گۆشى، بېلىق گۆشى تەركىبىدىكى كارنىتىن(肉毒碱) ۋە ساركوزىننىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن، ئەمما كالا گۆشى تەركىبىدىكى مىقدارى يۇقىرى. كارنىتىن، ياغلارنىڭ مىتابولىزىمىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ مۇسكۇللىرىنى يوغىنىتىپ ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسىدۇر.
ئاقسىل ۋە كالىي ماددىسى مول
   كالىي، كۆپ قىسىم تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە نىسبەتەن ئاز بولغان مىنرالنى ماددا. بەدەندىكى كالىينىڭ مىقدارى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىنى ۋە ئۆسۈش ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى چەكلەپ قويىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. لېكىن، كالا گۆشىنىڭ تەركىبىدە، مول مىقداردا كالىي ماددىسى بار.
لىنولېئىك كىسلاتانىڭ تۆۋەن ياغلىق كىلىش مەنبەسى
   كالا گۆشىنىڭ ياغ تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن، ئەمما بىرىكمە لىنولېئىك كىسلاتا مىقدارى ئىنتايىن مول؛ بۇ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر جەريانىدا كۆرۈلدىغان ئورگانىزىم زەخىملىنىشكە ئۈنۈملۈك قارشى تۇرالايدۇ.
تەركىبىدە سىنىك، ماگنىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار
   تۆمۈرنىڭ قان ياساشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ماددا ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. سىنىك بولسا، يەنە بىر خىل ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىگە پايدىلىق ھەم مۇسكۇللار ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ماددىدۇر. ماگنىينىڭ بولسا، ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىنى قوللاش، مۇسكۇللار كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号