يانفونغا كۆپ قاراشنىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6697:قېتىم كورۇلدى
   ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئاز بولمىغان كىشىلەر كۆزىنىڭ كىچىكلەپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى خاتا سىزىم دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا سىزىم ئەمەس. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم 25ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، كۆز ئەتراپى مۇسكۇللىرىنىڭ بوشىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ كۆزلىرى راستتىنلا كىچىكلەشكە باشلايدۇ. بۇندىن باشقا، ئادەتتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارمۇ، ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يانفونغا كۆپ قاراش
   پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى "ئېكران"دىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى: خىزمەت ۋاقتىدا كومپىيوتىر ئېكرانىغا قارايمىز، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بولسا يانفون ئېكرانىغا قارايمىز. ئېلىكترونلۇق ئېكرانلارغا كۆپ قاراش، كۆزنىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئېلىكترونلۇق ئېكران تارقاتقان كۆك نۇر ئادەمنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىگە زىيان يەتكۈزۈپ، كۆز چارچا، كۆز ئەتراپى مۇسكۇللىرى بوشىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەبلىك قاپاق ساڭگىلاپ كۆز كىچىكلەپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەمىشە كۆزنى ئۇۋۇلاش
   كۆزنى كۆپ ئۇۋۇلاش، قەتئىي ياخشى بولمىغان بىر ئادەت. كۆزنى كۆپ ئۇۋۇلىغاندا، كۆز ئەتراپى مۇسكۇللىرىنى بوشىتىپ، بۇ سەۋەبلىك قاپاق ساڭگىلاش ۋە ئىششىپ قېلىشنى پەيدا قىلىپ، كۆزنى كىچىكلەشتۈرىۋىتىدۇ. ئەگەر كۆزىمىز چارچاپ كەتسە، دورا تېمىتساق ياكى كۆز ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلەپ بەرسەك بولىدۇ، ئەمما كۆزنى ئىمكان قەدەر قولىمىزدا ئۇۋىلىماسلىقىمىز لازىم.
كۆز ئەتراپى قۇرغاقلىشىش
   كۆز ئەتراپى تېرىلىرى نىسبەتەن ئاجىز ھەم سەزگۈر بولۇپ، ئەگەر كۆزنى بەك كۆپ ئىشلىتىۋەتسەك، سۇنى ئاز ئىچسەك ياكى ھاۋا قۇرغاق بولۇپ قالسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسانلا كۆز ئەتراپى قۇرغاقلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ. كۆز ئەتراپى قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى يوقاپ، كۆز كىچىكلەپ قالىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号