چەتئەلدىكى بالا بېقىۋىلىش چولپىنى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5690:ئادەم ئۆگەندى
   ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 8-فىۋرالدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك بىر بويتاق ئانا، 35 يىل ۋاقىت ئىچىدە جەمئى 150 نەپەر بالىنى بېقىۋالغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا غايەت زور سوممىلىق لاتارىيە مۇكاپاتى چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ، بۇ قىممەتلىك كەچمىشلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىكەن.
   ئەنگىلىيەلىك بۇ ئانىنىڭ ئىسمى ئەندىي.شىد بولۇپ، ئېيتىلىشلارغا قارىغاندا، ئەندى ئۇ بالىلارنى بېقىۋىلىش جەريانىدا ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىدىكەن؛ گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەزىبىر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان تالاش-تارتىشلار يۇشۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ بولغىنى يەنىلا خۇشاللىق كۈلكىلىرى ئىكەن.
   خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىلگىرى توي تۇرمۇشى بۇزۇلۇپ ۋەيران بولغان، ئۆزى ئۈچ بالا تۇغقان بۇ قالتىس ئايال، ئۆتمۈشتىكى 35يىل ئىچىدە، جەمئى 150 نەپەر ياردەمگە مۇھتاج بالىنى بېقىۋالغان.
   بۇ يىل 74ياشقا كىرگەن ئەندىي، 1985-يىلدىن باشلاپ مەخسۇس ئۇزۇن مۇددەتلىك بېقىۋىلىش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان بولۇپ، ئۇ بېقىۋالغان بالىلارنىڭ يېشى 13ياشتىن 21ياشقىچە ئوخشاش ئەمەس ئىكەن.
   ئەندىينىڭ دېيىشىچە، ئۇ بېقىۋالغان بالىلارنىڭ سانى 80دىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ سان ھېسابلاشنى توختاتقان. لېكىن ئەڭ يېڭى سىتاستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سان ئاللىبۇرۇنلا 150تىن ئېشىپ كەتكەن، لېكىن ئەندىيغا نىسبەتەن بولسا، بۇ رەقەملەر ئۇنچە مۇھىم بىلىنمىگەن.
   ئۆتمۈشتىكى 30نەچچە يىل ئىچىدە، ئۇنىڭ ئۆيىدە ھەمىشە نۇرغۇنلىغان بالىلار ياشىغان بولۇپ، ئۆي ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە خۇشاللىق كۈلكىلىرىگە تولغان كېلەتتى. ئەندىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىلارنى باقماق گەرچە ئوڭاي ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىزچىل تۈردە، بەك كۆپ قائىدە تۈزۈم تۈزۈپ بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويۇشتىن ساقلىنىشتا چىڭ تۇرغان.
   ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بىر بالىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقان. گارىي ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ۋاقىتتا ئاران 14ياش بولۇپ، 18ياشقا توشقاندىن كېيىن ئاندىن ئايرىلغان.
   بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا، ئەندىي تەكلىپكە ئاساسەن ئەنگىلىيە خان سارىيىغا بېرىپ، خان جەمەتىنىڭ ئۇنىڭ بۇ يىللاردىن بىرى جەمئىيەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن تارقاتماقچى بولغان شەرەپ مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

مىۋە-چىۋىلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟

تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى

"قوش 11"نىڭ سىھرىي كۈچى راستتىنلا شۇنچە يۇقىرىمۇ؟

نەچچە كۈن ئىلگىرى، يىلدا بىر كېلىدىغان "قوش 11" ئومۇمى خەلق مال سېتىۋېلىش شادلىق كۈنىنى كۈتىۋالدۇق. ئاز بولمىغان تورداشلىرىمىز، ئۆزىگە ل

ئەتىگەندە ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان يېمەكلىكلەر

ھەمىشە گازلىق سۇ، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك ۋە قىسمەن مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا IIتىپلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号