ئەرمەك ھايۋان دەپ بۇنى دەيمىز مانا...
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5977:قېتىم كورۇلدى
    ۋايلد.سىڭ ئىسىملىك بۇ سۇ كالىسى، بۇ يىل 11ياشقا كىرگەن، ئېغىرلىقى 1143كىلوگىرام كېلىدۇ؛ ئۇ بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق سۇ كالىسى بولۇشى مۇمكىن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تېكساس شىتاتىدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن—60ياشلىق روننىي بىلەن 44ياشلىق شېررون.بۇرايىد، 2014-يىلى ئۆزلىرى بېقىۋاتقان 52تۇياق سۇ كالىسىنىڭ ھەممىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ سۇ كالىسىنى سېتىۋالغان ھەمدە ئۇنىڭغا "ئالاھىدە مۇئامىلە" قىلىپ بېقىشنى باشلىغان.
   ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن، ۋايلد.سىڭنى ئۆي ئىچىدە تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم بىر ئېغىز "ھوجۇر ئۆي" تەييارلاپ بىرىپ، ئۇنىڭغا كىنو قويۇپ بەرگەن ۋە بىر ئۈستەلدە بىللە تاماق يېگەن، ئۇنى خۇددى ئۆز بالىسىنى باققاندەك ئەتىۋارلاپ باققان.
   شېرروننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋايلد.سىڭنى ئۆي ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىشنى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ۋايلد.سىڭنىڭ ئۆمرىمۇ پەقەت بىرلا قېتىمدا كىلىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭغا باشقا كالىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر "كالىلىق ھايات" بىرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
   روننىينىڭ ئېيتىشىچە، ۋايلد.سىڭنى بېقىش، مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئېيىق باققاندىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك ئىكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ گەۋدىسى بەك چوڭ بولغاچقا، سەللا ئېھتىيات قىلماي قالسا، ئادەمنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.
   روننىينىڭ دېيىشىچە، ۋايلد.سىڭ بەزىدە ئېلىشىپ قالغاندەك، مۈڭگۈزى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدىكەن، بەزىدە مۈڭگۈزىدە ئۇنى ئىتتىرىپ يۈگرەيدىكەن، ئايالى بىر نەچچە قېتىم ھەتتا ئۇنى كالا ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويدى دەپ ئويلاپ قالغان ئىكەن. بىراق شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ۋايلد.سىڭغا يەنىلا ئامرا ئىكەن؛ چۈنكى، ۋايلد.سىڭ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن باققان ئەرمەك ھايۋان بولغاچقا، ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىنى ئۇلار بەك ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدىكەن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

قولنى توغرا يۇغاندا، كېسەل بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە تۆۋەنلەيدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايت

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号