گومەننىڭ ھەر تۈرلۈك يىيىش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5979:قېتىم كورۇلدى
   گومەن، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان قولايلىق يېمەكلىك ماتېرىيالىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە تاماق تەييارلاش خوشياقمىغان ۋاقىتتىكى يامان ئەمەس تاللاش ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، گومەننىڭ نەچچە خىل يىيىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئاچچىق-چۈچۈك سۇيقاش
   خام ماتېرىيال: گومەن، قارىمۇچ، ئىستېمال مېيى، تۇز، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، غولپىياز، قارا قېرىنقولاق، قىزىلمۇچ، قىيزا
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، غولپىيازنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   2. قىيزىنى سالىمىز.
   3. تەم پۇرىقى چىققاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز.
   4. سۇ قايناپ چىققاندىن كېيىن، چوكا بىلەن قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   5. قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ قايناتقاندىن كېيىن، گومەننى سېلىپ پىشۇرىمىز.
   6. چىنىدىن بىرگە ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز، قارىمۇچ، قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى، كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   7. تەييارلىغان قىيامنى قازانغا قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
پىياز مېيىدا تەملەشتۈرۈلگەن گومەن
   خام ماتېرىيالى: گومەن، غولپىياز مايسىسى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شېكەر، ئىستېمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. غولپىياز مايسىسىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن ئۇششاق توغرايمىز.
   2. قازاندا سۇ قاينىتىپ، گومەننى سېلىپ پىشۇرىمىز.
   3. گومەن پىشىپ بولغۇچە، چىنىدىن بىرگە بىر قۇشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، يېرىم  قۇشۇق ئاق شېكەر قوشىمىز.
   4. پىشقان گومەننى چىنىگە سۈزۈپ ئېلىپ، ئۈستىگە غولپىياز مايسىسىنى سېپىمىز.
   5. قازاندا ئازراق ماي قىزىتىپ، ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرساقلا تەييار بولىدۇ.
 
پەمىدۇر تۇخۇم تەملىك سۇيۇقئاش
   خام ماتېرىيالى: گومەن، پەمىدۇر، تۇخۇم، ئۆسۈملۈك مېيى، سامساق، تۇز، غولپىياز مايسىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. پەمىدۇرنى توغراپ تەييارلايمىز.
   2. قازاننى قىزىتىپ، توغراپ تەييارلىغان سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز.
   3. پەمىدۇرنى قازانغا سېلىپ قورۇيمىز.
   4. مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز.
   5. سۇ قايناپ چىققاندىن كېيىن گومەننى سالىمىز.
   6. گومەن سەككىز ئۈلۈش پىشقاندىن كېيىن، ئازراق تۇز قوشىمىز.
   7. تۇخۇمنى چېقىپ قوچىغاندىن كېيىن قازانغا قۇيىمىز؛ تۇخۇم قايناپ قاتقاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئۈستىگە غولپىياز مايسىسى سېپىۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساقلا بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号