ئادەمنى ئاسان سەمىرىتىپ قويىدىغان ناچار ئادەتلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى

ساغلام بولمىغان يېمەكلىك ئازايتىپ ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى
   نۇرغۇن كىشىلەر تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن، تاماقنى ئازلىتىپ ئۇرۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ؛ بۇ ئۇسۇلدا گەرچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇقلاشقا بولسىمۇ، ئەمما كېمەيگەن ئېغىرلىق ئاساسى جەھەتتىن بەدەندىكى سۇ تەركىبى بولۇپ، بەدەن يىتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئىرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئورۇقلايدۇ. ئەكسىچە، يېمەكلىكنى ئازايتىپ ئۇرۇقلىغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن يەپ ئىچىشنى باشلاپ، ئەسلىدىكىدىنمۇ بەكرەك سەمىرىپ كېتىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
قانۇنىيەتسىز بولغان تۇرمۇش ئادىتى
   ئۇزۇن مۇددەت كىچىسى ئۇخلىماي ئادەتلىنىش، ھاراق ئىچىش، كېچىسى يانفون ئويناش، ئۇزۇن مۇددەت ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق... بۇ خىل ناچار ئادەتلەر ھازىر كەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەمنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرى قالايمىقانلىشىپ، سېمىزلىك سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.
قورساق تويغاندىن كېيىن ئولتۇرىۋىلىش
   ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار، ئۇلار كۈندۈزى خىزمەتتە چارچاپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، كەچتە ئۆيگە قايتىپلا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن. لېكىن بۇنداق ئەھۋالدا، بەدەندىكى ياغلار تېخىمۇ كۆپىيىپ، بەدەندىكى ئېنېرگىيەلەر ۋاقتىدا خوراپ تۈگىمىگەچكە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئادەم تەبىئىيلا سەمىرىپ قالىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش
   ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇش ئادىتى بولۇپ، ئۇلار خىزمەت قىلغاندا ئولتۇرىدۇ، ئىشتىن چۈشكەندە ئولتۇرىدۇ، بۇنداق ھالەتنى داۋاملاشتۇرىۋىرىپ، ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ھامان بىر كۈن بودەكلىشىپ قالىدۇ.
تاماقنى تېز يىيىش
   تاماق يىيىش ئادىتىمۇ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بەك تېز يەۋەتكەندە، چوڭ مېڭە ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغاچقا، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا كۆپ يەپ سالىمىز؛ بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىۋەرسە، چوقۇم سېمىزلىك مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号